ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر

图片[1]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

خەيرلىك كەچ تورداشلار ...

بۈگۈن ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسىدكى ئاساسلىق تەڭشەك رايونلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى ، بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرى ئارقا سۇپىسى تەڭشىكى مىسال قىلىندى ...

بىز ۋوردپىرىس بىلوگ دىتالىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ توربىتىنىڭ ئاساسلىق تەڭشەكلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىغا ماسلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مەزمۇن يوللاشقا كىرىشىمىز كىرەك .

ئاساسىي تەڭشەك 

图片[2]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

ئەلۋەتتە ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ توربىتىنڭ تېمىسىنى قويۇشىمىز كىرەك ، ئىككىنجىسى بولسا توربىتىمىزنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى بولىدۇ .

باشقۇرغۇچى ئېلىخەت ئادىرسىنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئالماشتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئەگەر سىز توربىتىڭىزنى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ساياھەتچى ئەزالارغا قارىتا توربەتكە تېزىملىتىش ئىقتدارىنى ئىچىۋەتمىسڭىز ھىچكىم توربەتكە ئەزا بولالمايدۇ . شۇڭا توربەتنىڭ تېزىملىتىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋىتشنى ، ھەمدە توربەتكە تېزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن قانداق سالاھىيەتتە كىرىشنى ئۆزىڭىزنىڭ توربىتنىڭ خۇسۇسىيتىگە قاراپ بىكىتسىڭىز بولىدۇ .

تەھرىرلەش تەڭشىكى 

图片[3]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

مەزمۇن تەھرىرلىگەندە چوقۇم شۇ مەزمۇننىڭ سەھىپىسنى توغرا تاللىشىمىز كىرەك ، ئەگەر تاللاشنى ئۇنتۇپ قالغاندا يۇقارقى تەڭشەكتىن سۈكۈتتىكى سەھىپە تۈرىنى تاللاپ قويساق بولىدۇ .

تەھرىرلەش دىتالىنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ئۇسلۇبىغا خاس تەڭشىسىڭىز بولىدۇ ، كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچى بىلەن رايون بۆلىكى تەھرىرلىگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلتەلەيدىغان تۈرنى قوزغىتىپ قويشىڭىزنى تەۋسيە قىلىمەن ، بەزىدە مەزمۇن ئىچىگە كونۇپكا ۋە ياكى ھەركەتلىك رەسىم قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشكە توغرا كىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئۇدۇل رايون بۆلىكى تەھرىرلىگۈچىدىن پايدىلانسىڭىز ناھايىتى ئەپلىك ، ئەلۋەتتە ئادەتتكى يىزىقچىلىق ۋە مىدىيالارنى تەھرىرلەشتە يەنىلا كىلاسسىك تەھىررلىگۈچ ئەپلىك .

ئوقۇش تەڭشىكى

图片[4]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

بۇ ئورۇن ئاساسەن مۇشۇ سۈكۈتتكى ھالەتتە تۇرسا مۇۋاپىق ، ئەگەر باشبەتنى زىيارەت قىلغاندا ئۆزىڭىز تاللىغان مەلۇم بىر بەتنى كۆرسىتشنى خالىسىڭىز باشبەت تەڭشەكلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى ئاساسىدا تەڭشىسڭىز بولىدۇ .

ئاساسى بەت يۈزىدىكى مەزمۇن سىزنىڭ ئشلەتكەن ئۇسلۇبىڭىزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، بۇنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بويىچە تەڭشىسڭىز بولىدۇ ، بىر بەت ئىچىدە قانچە مەزمۇن كۆرىنىشنى بەلگىلەيسىز .

ئەگەر توربىتىڭىزنى بەيدۇ ، سوگو ، 360 قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىغا ئۇلانمىسنى تاپشۇرۇپ ، ئىزدەش ئارقىلىق توربىتڭىزنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشنى ئويلاشقان بولسڭىز ئەڭ ئاستىدكى تۈرنى تاللماي قويۇپ قويسڭىز بولىدۇ .

ئىنكاس تەڭشىكى 

图片[5]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

مەزمۇن ئىچىدكى ئىنكاس بىر توربەتنىڭ قانچلىك قىزغىنلىق كۈچى بارلىقىنى بەلگىلەيدۇ ، ئەگەر سىزنىڭ سالونىڭىزدا ئىنكاس ئىقتىدارى بولمىسا سالوندكى مەزمۇننى توربىكتىڭىزگە يۆتكەپ ئەزالارنىڭ ئىنكاسىنى قوبۇل قىلسىڭىز بولىدۇ .

ئەگەر توربىكتىڭىزدىكى مەزمۇنلار ئىنكاس يىزىشقا ماس كەلمىسە ۋە ياكى ئىنكاس رايوننى پۈتۈن ئۆچۈرۋەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ئۈستۈنكى بۆلەكتىكى بەلگە قويۇلغان تۈرنى ئۆچۈرۋەتسڭىز بولىدۇ.

توربىكتڭىزدكى مەزمۇنلارنىڭ خاسلىقىغا قاراپ ، قانداق ئەزالارنىڭ ئىنكاس يىزىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ .

ئەگەر سىز داۋاملىق توربىكتىڭىز ئارقا سۇپسىغا قاراپ بولالمىسڭىز ، توربەتكە ئىنكاس قوبۇل قىلنغاندىن كىينكى ئىجرا بولىدغان تەڭشىكىنى ئىچىپ قويسڭىز بولىدۇ ، بۇ ئىقتدار ئۈچۈن سىز توربەتكە SMTP ئېلىخەت يوللاش ئىقتدارنى قوششڭىز كىرەك ، توربەت ئىنكاس قوبۇل قىلغاندىن كيىن سىزگە ئاپتۇماتىك ئېلىخەت يوللاپ تۇرىدۇ .

ئاخىرقىسى بولسا ئىنكاس تەستىقى ، بۇمۇ دىققەت قىلمساق بولمايدغان بىر تەڭشەك ، بارىلىق ئىنكاسلارنى باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقدىن ئۆتكەندىن كيىن ئاندىن كۆرىندغان قىلىپ تەڭشەشنى تەۋسىە قىلىمەن .

مىدىيا تەڭشىكى 

图片[6]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

ئارقا سۇپىغا رەسىم چىقارغاندىن كيىن ۋوردپىرىسنىڭ ئاپتۇماتىك ھالدا رەسىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش ئىقتدارنى ئۆچۈرۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، مەزمۇنلارنىڭ باش رەسىمى ۋە مەزمۇن تەپسىلاتنى كۆرۈش سۈپىتىگە نىسبەتەن تەسىرى بولىدۇ ، رەسىم غۇۋا چىقىۋالىدغان ئەھۋاللار يۈز بىرىپ قالىدۇ ، ئەگەر مۇلازىمىترنىڭ تور سۈرئىتى ئاستا ، ساقلاش سىغىمىمۇ كىچىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ئاۋال توربەتكە شارائىت يار بەرگىچە CDN ئىقتىدارى قوشۇپ رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تور بوشلۇقىغا يۆتكەشنى تەۋسىيە قىلىمەن .ئەگەر ئامال بولمىغاندا مەزكۇر تەڭشەكتىن رەسملەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە چەك قويۇپ تەڭشىسەك بولىدۇ .

مۇقىم ئۇلانما 

图片[7]-ۋوردپىرىستىكى ئەڭ ئاساسلىق تەڭشەكلەر-Bloger

بۇ ئورۇن سىزنىڭ توربىكتىڭىز ئۇلانمىسنىڭ مۇقىم ئۇلانمىسى تەڭشىكى بولىدۇ ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قىلىپ تەڭشەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئەڭ ئاستىدكى خاسلىق ئۇلانمىسنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مۇلازىمىترغا ۋوردپىرىس قاچىلىغاندىكى مۇھىت ھالىتىنى توغرا تەڭشەش تەلەپ قىلىندۇ ،  ئەگەر ئۈستىدكى مۇقىم ئۇلانما ھالەتلىرىنى ئىشلەتسڭىز بۇ باسقۇچتىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ .

مۇقىم ئۇلانمىنى يىل ، ئاي ، كۈن ، سائەت ، مىنۇت سىكۇنت قاتارلىق ۋاقىت شەكلى ئارقلىق ئىپادىلگىلى ۋە ياكى مەزمۇن تېمىسى ، مەزمۇن رەت نۇمىرى ، سەھىپە تېمىسى ، ئاپتور ئىسمى قاتارلىق شەكلىلەر ئارقىلىق ئىپادىلگىلىمۇ بولىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسنى ئۆزىڭىزنىڭ توربىكتىنىڭ خاسلىقىغا ۋە ياكى ئىقتدارى ئۈچۈن تاللاپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ .

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش 0 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى ئىنكاس قالدۇرۇڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ

    ھازىرچە ئىنكاس يوق