pic

بۈگۈن تەھرىرلەش ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلايلى …

سىلەر ھازىرغىچە قايسى تەھرىرلەش قورالىنى ئىشلىتىسىلەر ؟

مەيلى سالون باشقۇرۇش بولسۇن ياكى توربەت ، بىلوگ باشقۇرۇش بولسۇن ، بىز چوقۇم ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلىغان ئاساستا ئەڭ ياخشى سۈپەتلىك يازمىلارنى يىزىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىشىمىز كىرەك .

لىكىن بىز مەيلى توربەت يۈزىدە بولسۇن ياكى سالون يۈزىدە بولسۇن ، مەزمۇن تەھرىرلىگەن ۋاقتىمىزدا ، داۋاملىق ئۇچىرايدىغان مەسىلنىڭ بىرى بولسا يازغان خەتنىڭ يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولىدۇ . بۇ باشقا كۆپ ساندىكى مىللەت يىزىقىنى ئىشلىتدغانلار ئۈچۈن ئىيتقاندا ناھايىتى نورمال بىر ئىش ، ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرتىلى يىزىقىمىز بولسا ئوڭدىن سولغا قاراپ يىزىلىدۇ . مەيلى بىز خەت ئورۇن بۆلىكىنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەيلى ، يىزىلغان خەتنىڭ يۆنىلىشى يەنىلا سۈكۈتتكى سولدىن ئوڭغا قاراپ يىزىلغان تەرىقىدە بولىدۇ .

图片[1]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger

ئەمدى ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلىشايلى ، مەيلى ۋوردپىرىس توربىكتى ياكى سالون بىتى بولسۇن ھەممسىڭ مەزمۇنى ئوخشاش HTML دىن تەركىپ تاپىدۇ ، بىز بۇلارنىڭ ئۆز يولىدا بىر تەرەپ قىلساقلا بولىدۇ .

ۋوردپىرىس كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچى

ئەڭ ئاۋال ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچنى قاچىلايمىز .

图片[2]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger

ئەگەر بۆلەك تەھرىرلىگۈچ بىلەن تەڭ ئىشلەتمەكچى بولىسڭىز ، ۋوردپىرىس تەڭشىكى – يىزىش بۆلىكى ئىچىدىن ئەزالارنىڭ تەھرىرلىگۈچ ئالماشتۇرۇش ھوقۇقىنى ئىچىۋەتسىڭىز بولىدۇ .

ئۇندىن كىيىن قىستۇرما قاچىلاش بىتىدىن : Advanced Editor Tools  دەپ ئىزدەيمىز ، بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتدارىنى كۈچەيتكۈچ ، ئىزدەپ چىققان قىستۇرمىنى قاچىلايمىز ، ھەم قوزغىتىمىز .

图片[3]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن تەھرىرلىگۈچ كۈچەيتكۈچنىڭ تەڭىشىكى ۋوردپىرىس تەڭشىكى بۆلىكى ئاستىدا پەيدا بولىدۇ ، ئۈستىدكى رايون بولسا سىزنىڭ تەھرىرلىگۈچىڭىزدە ھازىرقى بار بولغان ئىقتىدار ، ئاستىدكىلىرى داۋاملىق قوشسىڭىز بولىدغان ئىقتىدار ، بەك تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بەلكىم كۆرۈپلا چۈشىنەلەيسىز ، ئاستىدكى ئىقتدار كونۇپكىسنى سۆرەپ ئىچقىپ ئۆزىڭىزگە ئوڭ كىلىدغان تەھرىرلەش رايونىغا قويۇپ قويۇڭ ، ئاندىن ساقلىۋەتسڭىزلا بولىدى .

图片[4]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger

مەزكۇر قىستۇرمىدا تۇرۇپ سىز توربەت يۈزىدكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز ، ئىسىل سۈپەتلىك يازمىلارنى تەيارلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ~

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى 1 تال

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ