ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

يىقىننڭىزى بىلوگدا قانداق قىلىپ چىرايلىقراق ئۇسلۇبتا مۇزىكا قىستۇرساق بولىدۇ دىگەن مەزمۇندىكى پارڭلار بولۇندى ، بۇ ھەقتە ئۆزۈممۇ ئولتۇرۇپ بىرەدەم ئىزدەنگەندىن كىيىن سىلەرگە قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان قىستۇرمىنى ئىلىپ كەلدىم ، ئىشلىتىپ بىقىشڭلارغا ئەرزىيدۇ ~

图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

ئەلۋەتتە سىلەرگە تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئالددا ئۆزۈم بىر سىناق قىلىپ باقىمەندە ~~

Hermit قويغۇچ قسىتۇرمىسى

مەزكۇر ناخشا قويغۇچ قسىتۇرمسى ۋوردپىرىس ئىچىدە ناھايىتى ياخشى قوللىنىدۇ ، سىز بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ۋاڭيىيۈن (网易云) ، شىيامى (虾米) قاتارلىق سۇپىلاردىكى ۋە يەرلىكتىكى مۇزىكىلارنى بەت يۈزىدە قويالايسىز ، مەيلى بىرتاللا ناخشا بولسۇن ۋە ياكى ناخشا تىزىملىكى بولسۇن ۋە ياكى پىلاستىنكا مەزمۇنى بولسۇن ، بۇ قويغۇچ بىزنىڭ يازما بىتىمىزدە ۋە ئايرىم بەت يۈزىدە قويغۇچ شەكلىدە كۆرۈنىپ تۇرىدۇ .

چۈشىرىش ئۇسۇلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، ۋوردپىرىس ئۇسلۇب بازىرى ئىچىدىن Hermit دەپ ئىزدىگەندىن كىيىن مەزكۇر قويغۇچ قسىتۇرمىسىنى تاپالايسىز .

ئاندىن قاچىلاپ قوزغىتىۋەتسەكلا كۇپايە ~~

图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

قسىتۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىزنىڭ مەزمۇن تەھرىرلەش بىتىمىزدە مۇزىكا قوشۇش كونۇپكىسىدىن بىرسى قوشۇلىدۇ ، باسقاندىن كىيىن بىز پەقەت ۋاڭيىيۈندىكى مۇزىكا ئادىرسىنى تولدۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ ~

图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger 图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ مەزمۇن بىتىمىزدە كۆرنىدىغان يۈزى تۆۋەندىكىچە :

图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

قستۇرمىنىڭ ياخشى يىرى شۇكى ، توربكتىمىزنىڭ كومپيۇتىر ۋە تىلغۇن نۇسقىلىرىدمۇ بەت يۈزىگە تولۇق چىقىدۇ .

ئەلۋەتتە بۇ قىستۇرمىدا ۋاڭيىيۈندىكى ھەقسىز ناخشا مۇزىكىلارنىلا قويغىلى بولىدۇ ، ھەقلىق ۋە نەشىر ھوقۇقى بار بولغان ناخشىلارنى ئەكىرەلمەيسىز .

يەنە بىرخىل ئۇسۇل 

ئۇدۇل ۋاڭيىيۈننىڭ توربىتكى ئىچىدىنلا ئەكىرسەكمۇ بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا توربەت يۈزىدە ئۇدۇل ۋاڭيىيۈننىڭ مۇزىكا ھەمبەھىرلەش ئۇسلۇبىدا كۆرىنىدۇ ، خۇددى چەمبىرەككە يولىغاندەكلا ...

بىرىنجى قەدەمدە بىز ۋاڭيىيۈن ئورگان توربىكتىنى توركۆرگۈچتە ئاچىمىز ، ئاندىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان ناخشىدىن بىرنى قويىمىز ، ناخشا بىتىدىكى رەسىمنىڭ ئاستىدا مەزكۇر ناخشىنىڭ ۋاڭيىيۈن ئورگان تەمىنلىگەن سىرىتقى مۇزىكا ئادىرىس ھاسىل قىلىش كونۇپكىسى بار .

图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

كونۇپكىنى باسقاندىن كىيىن بىز ۋاڭيىيۈن ئورگان تورنىڭ ناخشا ھەمبەھىرلەش سۇپىسىغا كىرىمىز ، بىز ئەڭ ئاۋال iframe 插件 دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز ، ھىساپتا بىز بۇ ناخشىنى iframe خەتكۈچى ئارقىلىق توربىكتىمىزگە ئەكىرگەنگە ھىساپ ، flash ھازىر مودىدىن قالدى دىسەكمۇ بولىدۇ ، ھەم كۆپىنچە توركۆرگۈچلەر ۋە سۇپىلار قوللاشنى توختاتتى شۇڭا بۇ تۈرنى تاللىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن .

ئاندىن ئاستىدكى مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكىنى تەڭشەيمىز ، ئەگەر بۇنىڭغا بەك چوڭ تەلىپىڭىز بولمىسا سۈكۈتتكى ھالەتتە تۇرغۇزۇپ قويسڭىزمۇ بولىۋىردۇ ، ھەممسىنى ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىغا قارىتا تەڭشىۋالسڭىز بولىدۇ ~~

图片[7]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

ئاخىرىدا بىز توربەت ئاستىدكى ھاسىللانغان كودنى كۆچۈرۈپ چىقىپ ، ۋوردپىرىس مەزمۇن تەھرىرلەش بىتىنىڭ كود بۆلىكىگە چاپلىساقلا بولىدۇ .

图片[8]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

ئاندىن ئالدى بەتتە كۆرۈنىدىغان ھالىتى تۆۋەندىكىچە :

图片[9]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Shift Bloger

ئىزاھات : مۇشۇ يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ توربىكتڭىزگە ناخشا مۇزىكىلارنى قويالايسىز ، ئەلۋەتتە ناخشا قويغۇچ قسىتۇرمىلىرى پەقەت بۇنىڭ بىلەنلە چەكلىنىپ قالمايدۇ ، يەنە نۇرغۇن قىستۇرمىلار باركەن ، مەن ئىشىلتىپ سىناپ كۆرۈپ ئۆزۈمگە يارىغاننى سىلەرگە تەۋسيە قىلدىم ، ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزگە يارىغان بولسا مەزكۇر يازمامنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىپ قويشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش2
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي5تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ

    • NurLan的头像-Shift Bloger
      新疆阿勒泰地区青河县 电信
      0
    • بىلقۇت的头像-Shift Bloger
      新疆 移动数据上网公共出口
      0
      • 的头像-Shift Bloger
        بىلوگىرئاپتور
        新疆 移动数据上网公共出口
        0