ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  ...

يىقىندا بىرنەچچە تورداشلارنىڭ ۋوردپىرىس باشقۇرغۇرچى پارولىنى ئۇنتۇپ قىلىپ ئارقا سۇپىنى ئاچالمىغانلىقى ھەققىدە گەپ سۆزلەر بولۇندى ، بۈگۈن مەن مۇشۇ باشقۇرغۇچى پارولىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ...

图片[1]-ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى-Bloger

1. باشقا باشقۇرغۇچىلار ئارقلىق پارولنى ئۆزگەرتىش  

بەلكىم مۇشۇ ئەڭ ئاددي ھەم قولايلىق بولغان بىر ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن ، ئەگەر سىزنىڭ توربىكتىڭىزدە باشقا باشقۇرغۇچىلار بار بولسا ئۇدۇل شۇلار بىلەن ئالاقىلشىپلا ، سىزنىڭ پارولڭىزنى يىڭىدىن ئورنىتىپ بىرشنى ئىيتسىڭىز بولىدۇ .

يىڭى پارول بىكتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : 

ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسى ئىچىدىن [ ئەزالار - بارىلىق ئەزالار ] نى چىكىپ ئەزالار تىزىملىكىنى ئاچىمىز .

ئۈستىنكى تەرەپتىكى باشقۇرغۇچى تىزىملىكىنى بىسىپ ئاچىمىز ، ياكى ئۇدۇل ئەزانىڭ ئىسمى ياكى ئېلخەت ئادىرىسى بويىچە ئەزانى تىپىپ تەھرىرلەشنى باسىمىز .

تەھرىرلەش بىتى ئاستىدىراق يىڭى پارول ئورنىتىش بۆلىكى ئىچىدىن يىڭى پارول بىكىتىشنى باسىمىز ، ھەمدە يىڭى پارولنى كىرگۈزۈپ ئەزا تەڭشىكىنى مۇقىملاشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ .

图片[2]-ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى-Bloger

2. ئېلخەت ئارقىلىق پارولنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش

ئەگەر سىز ھىلىمۇ ئۆزڭىزنىڭ ۋوردپىرىسگە قايسى ئېلخەت ئارقلىق تېزىملتىپ كىرگىنڭىزنى بىلسىڭىز ، ئۇنداقتا ۋوردپىرىسنىڭ [ پارولنى قايتۇرۇش ] ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .

ۋوردپىرىس كىرىش بىتىنى ئاچىمىز ( مەسىلەن : http://xxx.com/wp-login.php ) .

ئاستى تەرەپتىكى [ پارولنى ئۇنتۇپسىزمۇ ؟ ] ئۇلانمىسنى باسىمىز . 

ئىچلىغان بەتتكى كۆزنەككە ئۆزىڭىزنىڭ ئېلىخەت ئادىرىسنى كىرگۈزۈڭ .

ئاندىن ئېلخەتنى ئىچپ توربەت ئىۋەتكەن پارول ئۆزگەرتىش ئۇلانمسىنى بىسپ ئاچىمىز . 

ئۆزىڭىز خالىغان مەخپىي نۇمۇرنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرساقلا بولىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى-Bloger

3. سانداندىكى ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق پارولنى يىڭىلاش

ئەگەر سىز مۇلازىمىتىرىڭىزغا phpMyAdmin قاچىلىغان بولىسڭىز ئۇدۇل ساندانغا كىرىپلا ئۆزىڭىزنىڭ پارولنى ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ .

$1$rSziHLDY$399k.JuJsy.oHVp5lquJC.

( بۇ مەخپىي نۇمۇرنىڭ قىممىتى 123456 گە تەڭ )

ئاۋال باۋتانى ئىچىپ سانداننى توغرا تاللاپ phpMyAdmin ئارقلىق سانداننى ئاچىمىز . 

ئاندىن ساندان ئىچىدكى wp_users تېزىملىكىنى ئاچىمىز ، ھەمدە ئۆزىمىزنىڭ ئەزا ئۇچۇرىنى تىپپ user_pass بۆلىكى ئىچىگە يۇقىرىدكى شىغىرلاشتۇرۇلغان پارول نۇمىرىنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ . (پارولنى كىرگۈزۈپ بوپ قۇرۇق ئورۇننى چەكسىڭىزلا مۇقىملىشىدۇ .)

ئاندىن بىزنىڭ مەخپي نۇمىرىمىز [ 123456 ] گە ئۆزگىرىدۇ .

图片[4]-ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى-Bloger

4. ۋوردپىرىس فۇنكىسىيسى ئارقلىق پارول ئۆزگەرتىش

ئەگەر سىز ۋوردپىرىس بىكتىڭىزنىڭ مۇندەرىجە ئورۇنىنى تىپىپ ئاچالىسىڭىز (باۋتادىكى توربەت مۇندەرىجىسى) ، بىز ۋوردپىرىس فۇنكىسيەسى wp_set_password ئارقلىق پارولنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ .

wp_set_password ('123456',1) ;

( ئەزا نۇمىرى 1 بولغان ئابونىتنىڭ ، پارولى '123456' كە ئۆزگىرىدۇ )

ئاۋال بىز ۋوردپىرىس بىكتىمىزنىڭ توربەت مۇندەرىجىسىنى ئاچىمىز ، ھەمدە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ function.php ھۆججىتىنى تىپپ چىقىمىز . ( ئۇسلۇب مۇندەرىجىسىنىڭ ئورنى : 

[ wp-content/themes/xxxx/function.php ] بۇيەردىكى xxxx سىزنىڭ ئىشلىتۋاتقان ئۇسلۇب نامى بولىدۇ . )

ھۆججەتنى ئىچىپ بىرنجى قۇردىكى php?> نىڭ ئاخىرىغا يۇقىرىدىكى ۋوردپىرىس فۇنكىسيەسىنى يىزىپ ساقلايمىز .

ئاندىن سىز توربىكتىڭىزنىڭ باش بىتىنى بىر قتىم ئىچىپ يىڭىلىۋەتكەندىن كىيىن باشقۇرغۇچى پارولى ئۆزگىرىپ بولغان بولىدۇ . ( يىڭىلانغان پارول 123456 بولىدۇ .)

پارول ئۆزگىرىپ بولغاندىن كيىن بۇ ئورۇندىكى پارول ئۆزگەرتىش فۇنكىسيسىنى چوقۇم ئۆچىرىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !!! بولمىسا توربەت ھەر بىرقىتىم ئىچلغاندا پارولىڭىز بىر قىتىم ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ .

图片[5]-ۋوردپىرىس باشقۇرغۇچى پارولىنى قايتۇرۇپ ئەكلىشنىڭ چارىلىرى-Bloger


ۋوردپىرىسى باشقۇرغۇچى پارولىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ئەلۋەتتە يۇقىرىدا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن نۇقتىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ ، يەنە خىلى كۆپ خىل ئۇسۇلدا پارولنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، مەن تورداشلارغا ئەڭ ئاسان ئەڭ مۇۋاپىق كىلدىغان ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم .

ئاپتور : بىلوگىر

© 版权声明
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞1 分享
مۇنازىرە رايونى 共1条

请登录后发表评论