ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  图片[1]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger ...

بۈگۈن يەنە بىر قىتىم ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش توغىرىسدا سۆزلەپ ئۆتەيلى ، ئەگەر سىزگە ياردىمى تىگىپ قالسا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز 图片[2]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger .

图片[3]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger

بىرقىسىم ۋوردپىرىس توربىكەتلىرىنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىنى ، بىز بۇيەردە بىرقانچە بۆلەككە بۆلۈپ ئانالىز قىلىمىز . توردىكى كۆپلىگەن يازمىلاردىمۇ سۆزلەنگەن ئۇسۇللار تازا دىگەندەك تەپسىلىي ئەمەس ، ئەزالار شۇ كۆرسەتمە بويىچە قىلغان بىلەنمۇ ، لىكىن مەسىلنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولىشى ناتايىن ، پەقەتلا كۆرنىشگىلا شۇنداقتەك كەيپىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ ، شۇڭا بىز مەسىلنى كۆپ تەرەپتىن تۇرۇپ ئويلاپ ھەل قىلىشىمىز كىرەك .

مۇلازىمىتىر 

ۋوردپىرىس توربىكىتى مۇلازىمىتىر سەپلىملىرىنى كۆپرەك سەرىپ قىلىپ ھاسىل بولىدۇ ، ئەگەر مۇلازىمىتىرنىڭ بوشلۇقى چەكلىك بولسا ، ۋەياكى تور سۈرئىتى يىتىشمىسە ، ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ يۈكلىنىش ۋاقتىمۇ شۇنىڭغا قارىتا بولىدۇ ، بۇ بىزنىڭ ئەڭ ئاۋال ئويلايدغان مەسىلىمىز . ئەگەر مۇلازىمىتىرمىزنىڭ سەپلىمىسمۇ يامان ئەمەس ھالەتتە ، لىكىن يەنىلا ئىچىلىشى ئاستا بولسا ، ئەمدى تۆۋەندكى ئۇسۇللارغا قاراپ باقىمىز .

图片[4]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger

ئالدى بەت كۆرۈنمە يۈزى 

توربەت كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ئۇدۇللا ئابونىتلارنىڭ كۆرۈش سىزمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . توربەت ئىچىلغان ۋاقىتتا چوقۇم ئىشلىتىشكە تىگىشلىك مەنبەلەرنىڭ ھەممىسنى يۈكلىگەندە ئاندىن ئىجرا بولۇپ تاماملىندۇ ، بىر ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىشلىش سۈرئىتى، ئۇنىڭ بەت يۈزى ئېلمىنتلىرنى قانداق رەتكە تېزغانلىقى بىلەن ئالاھىدە چوڭ مۇناسىۋىتى بار ، ئەلۋەتتە ، ئەگەر ئىشلەتكەن توربەت ئۇسلۇبىڭىز ياخشى لاھىيلەنگەن بولسا بۇ توربەتنىڭ ئىچلىش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ .

بەت يۈزىدىكى رەسىم ۋە چوڭ كىچىكلىكى

رەسىم پۈتۈن بىر بەتتىكى ئەڭ كۆپ ئىقىم سەرىپ قىلىدىغان ئېلمىنىت ، شۇڭا بەت يۈزىدىكى رەسىمنىڭ چوڭ كىچىكلكىگە ۋە رەسىمنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئەھمىيەت بىرىڭ .

图片[5]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger

Css ۋە Js نىڭ سانى ۋە چوڭ كىچىكلىكى 

ئەگەر توربىكەتتە ھىچقانداق قىستۇرما قاچىلانمىغان بولسا ، ۋوردپىرىسنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى بويىچە ئىيتقاندا بەت يۈزىدە ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئىككى تال Js ، ئۈچ تال Css يۈكلىنىدۇ .

ئەگەر قىستۇرما قاچىلىغان بولىسڭىز ، ئەلۋەتتە شۇ قىستۇرما ئىجىرا قىلىدىغان Js ۋە Css ھۆجەتلىرى يۈكلىنىدۇ .

تەۋسىيە : بەك چوڭ ئىھتىياج بولمىغان قىستۇرمىلارنى قاچىلىماڭ ، ۋە ياكى بىرنەچچە Css ۋە Js ھۆجەتلىرىنى تەڭ بىرىكتۈرۈپ بىللە ئىجىرا قىلىڭ .

توربەت سانداننى تەكشۈرۈش ۋە ئىجىرا قىلىش سۈرئىتى

ئەڭ بىشىدىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۇق ، ئەڭ ئاۋال مۇلازىمىتىرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىمىز ، ئەگەر چاتاق بولمىسلا ، ساندان ئۇچۇر تەكشۈرۈش ۋە ئىجىرا قىلىش سۈرئىتى تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ ، لىكىن سانداننىڭ چوڭ كىچىكلىكىمۇ بەزىدە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تەكشۈرۈش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

مەسىلەن : سىز ئەڭ باشتا ۋوردپىرىس قاچىلاپ ئىشلەتكەندە ھىچقانداق مەسىلە يوق ، ئايلا يىللار ئۆتۈپ سىز نۇرغۇنلىغان ئۇسلۇب ۋە قستۇرمىلارنى قاچىلاپ يۇيۇپ دىگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلدىڭىز ، شۇ ئىشلەتمەي يۇيۋەتكەن ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنىڭ ئۇچۇر قالدۇقلىرى ئىنىقلا سانداندا ئەخلەت پىتى ساقلىنىپ قالىدۇ .

تەۋسىيە : ۋاقىتى قارايىدا سانداندىكى ئىشلىتىلمىگەن بۆلەكلەرنى ۋە ئارتۇقچە ساقلىنىپ قالغان ئۇچۇرلارنى تازلاپ تۇرۇڭ . 

图片[6]-ۋوردپىرىس توربىكتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ھەققىدە-Shift Bloger

ئارقا سۇپا سۈرئىتى

ئارقا سۇپىنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىنى دىسەك بۇ سىزنىڭ قانداق قىستۇرما قاچىلىغىنڭىزغا باغلىق ، چۈنكى ئارقا سۇپا بىلەن ئابونىتنىڭ ئالاقىسى يوق ، بۇ پەقەت بىكەت باشلىقىغىلا تەسىر كۆرستىدۇ ، ۋوردپىرىسنىڭ كۆپلىگەن قىستۇرمىلىرىنى چەتئەللىك ئاچقۇچىلار يىزىپ چىققان ، سىز قاچىلىغاندىن كىيىنمۇ بۇنىڭ ئىچىدكى ئىجىرا بولىدغان ھۆجەتلەر چىگرا سىرتىدا تۇرغانلىقتىن ، سىزنىڭ ئارقا سۇپا ئىچىلىش سۈرئىتىڭىز مۇقەررەر ئاستىلشىدۇ ، شۇڭا بۇيەردە ئەڭ ئاۋال كۆپچىلىككە دۆلىتىمىز ئىچكى قۇرۇقلىقى تىز لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان Wp-China-Yes قىستۇرمىسنى تەۋسىيە قىلىمەن .  (قىستۇرما ئىسمنى بىسىپ چۈشىرىڭ)

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش10
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ