ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  图片[1]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger ...

ئۇزۇندىن بىرى بىكاچىلىقتىن ئالدىراشلىقتىن بىكا بولۇپ بولامماي ، مەزمۇنلار يىڭىلىنىشى ناھايىتى ئاستىلىشىپ كەتتى ، شۇڭا بۈگەن ئوتراپ بىر ھەممەيلەنگە يارايدغان بىر مەزمۇن يىزىپ چىقىشنى قارار قىلىدىم . (ھايات ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۋالاي 图片[2]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger)

يىقىندا ناھايىتى پەيزى قىستۇرمىدىن بىرنى تىپىۋالدىم ، شۇڭا ئۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن ، ھەممىڭلارغا پايدىسى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...

ئەڭ ئاۋال غەملەك (缓存) دىگەننىڭ نىمە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى :

ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يەنى CPU سانلىق مەلۇماتلارنى ئېزدەش ئۈچۈن ئۇدۇل غەملەك ئىچىدىن ئېزدەيدۇ ، بار بولسا ئۇدۇللا ئاشۇ سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەگەر ئېزدىگەن ئۇچۇرى غەملەك ئىچىدە بولمىسا ئاندىن كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈپ ئىچكى ساقلىغۇچ ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئېزدەش سۈرئىتىمۇ كۆرنەرلىك ھالدا ئاستىلايدۇ . بۇ تېخنىكا يالغۇز كومپىيۇتىردىلا ئەمەس ، يانفۇن ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار ۋە ئۈسكىنلەردىمۇ مەۋجۇت .

ئەھھ ...  بۇ گەپلەرنى بىر قاراپلا ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ، باشتا كۆرگەندە مەنمۇ شۇنداق ھاڭۋىقىپ قالغان ، بۇنى زاغرا تىلمىزدا ئاددىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .

ۋوردپىرىس توربىكتى ۋە ئابونىتنىڭ يانفۇنى مىسال قىلىندى ....

图片[3]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

مەسىلەن : ئەتىگەن مەن بىر توربەتنى كۆردۈم ، بۇ توربەتتە خىلى كۆپ مەزمۇن بار ئىدى ، دەسلەپتە توربەتنى ئاچقاندا سەل ئاستا ئىچىلدى (5 سىكۇنىتتا يۈكلنىپ بولدى دەپ تۇرايلى)، مەن مەزمۇنلارنى بىر قاتار كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆچىرۋەتتىم ، ئاندىن مەن چۈشتە بىر مەسىلگە يولۇقۇپ يانا شۇ توربەتنى ئاچقان ۋاقتىمدا توربەت ناھايىتى تىزلا ئىچىلدى (1 سىكۇنىت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز) . بۇ نىمە سەۋەبتىن ئىككىنجى قىتىم ئاچقاندا ناھايىتى تىزلا ئىچىلىپ كىتدۇ ؟

چۈنكى : 

1- بۇ توربەتنىڭ غەملەك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى .

2- مىنىڭ يانفۇنۇم تۇنجى قىتىم توربەتنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىلا ، توربەتتكى سانلىق مەلۇماتلارنى غەملەك ھالىتدە ساقلىۋالدى .

3- توربەتنى كىينكى قېتىم ئاچقان ۋاقتىمدا ئۇدۇللا ئالدىدا ھاسىل قىلغان غەملەك ئىچدىن سانلىق مەلۇماتلار ئىجىرا بولۇپ ئىچىلىش سۈرئىتى كۆرنەرلىك ھالدا ئاشتى .

ئەمدى ئاز تولا بولسمۇ غەملەك ھەققدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق ، خاتىرجەم ھالدا قىستۇرمىنى ئىشلتەلەيمىز ...

بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىسى .

图片[4]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

قىستۇرما ئىسمى --- Wp Rocket

مەزكۇر قىستۇرما مەن ئىشلتىپ باققان غەملەك بىر تەرەپ قىلىش قىستۇرمىلىرى ئىچىدە ئەڭ نوچىسى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ قىستۇرما ئەسلى يىللقى 49$ دوللارلىق ھەقلىق قىستۇرما ، باشقا بىكەت باشلىقلىرنىڭ تەۋسىيسى ئاستىدا مەنمۇ يىشۋىتلگەن نەشىرىنى ئىشلتىپ سىناپ كۆرۈپ باقتىم ، قىستۇرما دۆلەت تىلىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ، ئىشلىتىش ئۇسۇلمۇ ناھايىتى ئوڭاي ، تەڭشەكلىرىنى بىرلا كۆرۈپ قانداق ئىقتدارغا ئىشلتىدغانلىقىنى بىلۋالالايسىز .

图片[5]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ ، توربىكتىڭىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىردىكى ئىھتىياجلىرىدىن ئاساسەن چىقىپ كىتەلەيدۇ . تۆۋەندە قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدلكىنى كۆرسەتكەچ ، تورداشلارغا ئۆزۈمنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرستەي .

图片[6]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

图片[7]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

图片[8]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

图片[9]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

图片[10]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

图片[11]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger

ئاساسلىق تەڭشىگەن ئورۇنلار يۇقىرقىلار شۇ ، قالغان ئىقتىدارلىرىنىڭ بەزىلىرى بىلەن مەن ئىشلتىۋاتقان زىبىل ئۇسلۇبى ۋە توربەتتكى باشقا ئىقتىدارلارنىڭ توقۇنىشى كىلىپ چىققانلىق سەۋەبلىك ئۆچىرىۋەتتىم ، بەزىلىرىنى ئەسلا ئىشلتىپ كىتەلمەيمەن دەپ قارىدىم .

سىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى ئۇسلۇب ۋە توربەتتكى ئىقتىدارلاغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر قىستۇرمىدىكى مەلۇم بىر ئىقتىدار توربەتكە تەسىر يەتكۈزسە شۇ ئىقتىدارنى ئۇدۇل ئۆچىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئارقىدىن قايتا غەملەك يىڭىلاشنى ئۇنۇتماڭ ~~

قىستۇرما چۈشىرىش 

قسىتۇرمىنى ئورگان توربىكتىمىزگە كىرىپ مۇشۇ مەزمۇننىڭ ئاستىغا بىرقىتىم ئىنكاس قالدۇرغاندىن كىيىن چۈشىرىش ئادىرىسىغا ئېرىشەلەيسىز .

 
ئەپچاق ئىچىدە زىيارەت قىلۋاتقان بولسىڭىز ئاستىدكى چۈشىرش كۆزنىكىنى بىسىپ ئېلان كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن چۈشىرۋالالايسىز .
© 版权声明
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞0 分享
مۇنازىرە رايونى 共8条

请登录后发表评论