خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
يىقىندا ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۆزەم بىر قىستۇرما ياساپ چىقىشنى قارار قىپ قالدىم ، لىكىن شۇ …. قانداق بىر قستۇرما ياسايمەن ؟ ئىقتىدارى قانداق بولىدۇ ؟ قانداق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ ؟ بۇلارنىڭ ئىچدە ئۆزەممۇ ئىنىق بىر قارار چىقىرالماي تۇرغىنمدا توربەتنى ئىچپ قارىسام خىلى كۆپ ئىنكاسلار تىزىلىپ كىتىپتۇ .
شۇ ئەسنادا كاللامغا مۇشۇ ئىنكاسنى ۋاقتىدا ماڭا ئەسكەرتىدغان قسىتۇرما بولسىچۇ دەپ ئويلاپ مەزكۇر قىستۇرمىنى يىزىپ چىقتىم .
![图片[1]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/粘贴-4.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قستۇرما ئىسمى — بىلوگىر ئەسكەرتكۈچى [ Shiftt Notify ]
قىستۇرما ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى :
ئۈندىدار دەلىللەنگەن سالون ئاساسىدا تۇرۇپ توربەتتىكى يىڭى ئىنكاسلارنى سالون ئۇقتۇرۇشى ئىقتىدارى ئارقلىق ئاپتورغا يوللاش .
ئەلۋەتتە ، بۇ قىستۇرما ئارقلىق سىز توربىكتىڭىزدىكى ئەڭ يىڭى ئىنكاسلاردىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز .
![图片[2]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/shiftt-notify.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاساسىي تەڭشەك
![图片[3]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/shiftt-msg.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاخىرقى ئۈنۈم
قىستۇرما ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن قىستۇرمىنى ئۆزىمىزنىڭ ۋوردپىرىس بىكتىگە قاچىلاپ قوزغىتىمىز ، ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسى قىستۇرما بازىرى ئىچىدە Shiftt, Shift, Uyghur, salon, notify, moban قاتارلىق خەتكۈچلەرنى يىزىش ئارقلىق يۇقارقى قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپالايسىز ، ئۇدۇللا قاچىلاپ قوزغاتسىڭىز بولىدۇ .
![图片[4]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/粘贴.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قىستۇرما قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسىنىڭ قوراللار بۆلىكى ئىچىگە قارىساق ئەسكەرتكۈچى تەڭشەك رايوننى بايقايمىز . چىكىپ كىرىپ تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز .
![图片[5]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/粘贴-1.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
باشتا سالون ئارقا سۇپىسى تەڭشىكى ئىچىدىن سالوننڭ AppID ۋە APPsecret نۇمىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ تەڭشەك رايوننىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئورنىغا يازىمىز .
![图片[6]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/粘贴-2.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاندىن سالوننىڭ ئەزا باشقۇرۇش بۆلىكىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئۈنىدىدار ئىسمىنى ئىزدەپ تاپىمىز ، ئىسمىمىزنى تىپپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسنى بىسىپ 检查 نى باسقاندىن كىيىن يان تەرەپ كود ئىچىدكى data-fakeid ئىچىدكى ئۆزىمىزنىڭ ID نۇمىرىنى ئىلىۋالىمىز ، بۈ بىزنىڭ مۇشۇ سالوندىكى OpenID رىمىز ھىساپلىنىدۇ .
ئاخىرىدا سالوننىڭ 模板消息 ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى ئىچىدىن ئۆزىمىز بىرنى قۇرۇپ چىقىمىز .
بۇيەردە ئاۋال تۈر قوششىمىزغا توغرا كىلىدۇ ، ئاۋال IT科技 تۈرى ئىچدكى IT软件与服务 نى تاللايمىز .
ئاندىن 模板库 ئۇچۇر ئامبىرى ئىچىدىن 用户咨询通知 نى ئىزدەپ تاپىمىز .
![图片[7]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/12/粘贴-3.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
مۇشۇ ئۇچۇر يوللاش قىلىپىنى تاللاپ قوشساقلا بولىدۇ ، ئاندىن سالوندىن ھاسىللاپ بەرگەن 模板ID نى كۆچۈرۈپ تەڭشەك رايونى ئىچىدكى TemplateID ئورنىغا قويىمىز ، ئاندىن بارىلىق تەڭشەك تاماملانغان بولىدۇ ، ئاستىدكى ساقلاش كونۇپكىسنى بىسىپ ساقلىۋەتسەكلا بولىدۇ .
تەڭشەكلەرنىڭ ھەممىسى نورمال بولغاندىن كيىن ، بىلوگىمىزغا يوللانغان ھەرقانداق ئىنكاس بىزگە سالون ئىچىدە ئۇچۇر ئارقىلىق كىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇچۇرنى باسقاندىن كىيىن ئۇدۇل شۇ ئىنكاس يىزىلغان بەتتكى ئىنكاس ئورنىغا ئاتلايدۇ .
سىنلىق ئىشلىتىش دەرىسى
ئورگان سالونى ئىچىدىن كۆرۈڭ : دەرىس مەزمۇنى
[channel finder=”sphV89xRV0GDED1″ feed=”export/UzFfAgtgekIEAQAAAAAAnT8pOsqiuwAAAAstQy6ubaLX4KHWvLEZgBPEiKM4KDw_DtKBzNPgMJqwyW2SuY354IB_zHP7xqyL” token=””]
ئىچىۋىتىلگەن قىستۇرما چۈشىرىش ئادىرىسى
Gitte : https://gitee.com/Shift-Bloger/shiftt-notify
WordPress : https://cn.wordpress.org/plugins/shiftt-notify/
ئاپتور : بىلوگىر
قىستۇرمىنىڭ دەسلەپكى نەشىرى بولغاچ بەك كۆپ ئىقتىدارلارمۇ يوق ، مۇشۇ ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، بۇندىن كىيىن يەنە تېخىمۇ ئۆزگىچە بولغان ئىقتدارلارنى قوشۇپ تورداشلارنىڭ ئىشلتىشگە سۇنماقچىمەن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قوللىشنى ئۈمۈد قىلىمەن !
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ


















كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش