ۋوردپىرس ناھايىتى كۆلەملەشكەن بىلوگ دىتالى ، پۈتۈن دۇنيادا ۋوردپىرس ئارقلىق ياسلىپ چىققان توربەتلەر ئومۇمىي سانى 30% تىن ئاشىدۇ ، ئورگان تەرەپمۇ ۋوردپىرسنىڭ ئىشلتىلشچانلقى ۋە قوللنشچانلىقنى بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ ، بۇندىن كيىنمۇ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىشنى ئۈمۈد قىلمەن ~~
ئەمدى گەپنى دىتالنى قاچىلاشتىن باشلىساق ، ئەمىليەتتە بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس ، ئاز قىسىم بىلمەيدغان تورداشلار پەقەتلا ئۇچىرشىپ باقمىغان بولغاچقا ئاسان چۈشىنەلمەيدۇ ، شۇڭا تەپسىلىيرەك قىلىپ رەسىم ھالىتىدە قاچىلاش دەرىسى سۆزلىمەكچىمەن ، كەم قالغان يەرلەر بولسا ياكى چۈشنەلمىگەن ئورۇنلارنى ئاستىدكى ئىنكاس رايونىدا قالدۇرساڭلار بولىدۇ .
كىتەرلىك ماتىرياللار
مۇلازىمىتر + تورنامى + SSL + باۋتا + ئېلخەت
ۋوردپىرىس ئەسلى كودى
ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلنىلا قوللىنايلى :
باۋتا سىستمسنى قاچلاپ بولغاندىن كىيىن دىتاللار تىزىملىكىگە كىرىمىز ، ئەڭ ئاخىرقى تاللاش — بىر كۇنۇپكىدا قاچىلاش .
![图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-%DB%8B%D9%88%D8%B1%D8%AF%D9%BE%D9%89%D8%B1%D9%89%D8%B3-%D8%A8%D9%89%D9%84%D9%88%DA%AF-%D8%AA%D9%88%D8%B1%D8%A8%D9%89%D8%AA%D9%89-%D9%82%DB%87%D8%B1%DB%87%D8%B4-7.png?imageMogr2/quality/100~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
كۆۋرىلىشقا بولىدۇكى ۋوردپىرىسنى قاچىلاپ ئىشلتدغانلار ناھايىتى كۆپ ، بۇنى ئەڭ ئۈستىدىكى ئورۇنغا تىزىلغندىن كۆرۋلىشقا بولىدۇ .
قاچىلاش — تورنام ئۇچۇرلىرىڭىزنى ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا كىرگۈزۈپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ !
ئەڭ يۇقىرى نەشىردىكى PHP نى قاچىلاپ ئىشلىتشڭىزنى تەۋسيە قىلىمەن ، تۆۋەن نەشىردىكلىردمۇ نورمال قاچىلىنىدۇ ، ئەمما نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلار ، ئۇسلۇبلار ھەتتا ۋوردپىرىسنىڭ ھەرخىل ئىغىز ئىقتدارلىرىمۇ يۇقىرى نەشىردىكى PHP قاچىلشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ .
![图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگ-توربىتى-قۇرۇش-2.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
بىز ئەمدى ۋوردپىرسنىڭ ئەسلى كودىغا ئىرشتۇق ئەمدى كودنى ئىجرا قىلىپ توربەت قۇرۇپ چىقىمىز . توربىتڭىزگە قانداق ئىسىم قويسىز بۇلارنى ئويلاشقاچ تۇرۇڭ .
ئەمدى باۋتادىن ھازىر قۇرۇپ چىققان توربەتنىڭ بىخەتەرلىك كىلشىمىنى توشقۇزۇپ چىقىمىز .
ئەلۋەتتە ئاخىرىدا توربەتنىڭ كىلشمىنى https شەكلىگە ئۆزگەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .
![图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگ-توربىتى-قۇرۇش-3.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ !
توربەتنىڭ مۇھىت ھالىتىنى ۋوردپىرس بىلوگىغا خاس تەڭشىشىمىز كىرەك . بولمىسا كىيىن توربەتنى ماڭدۇرغاندا توربەت ئىچلمايدغان ئىشلار كىلىپ چىقىدۇ . بۇ نۇقتىنى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !!!
![图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگ-توربىتى-قۇرۇش-9.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئەمدى تورنامنى ئاچىمىز ، ئەگەر توربەتنى ئاچقاندىن كيىن قاچىلاش پىروگراممسى يۈرگىزلمىسە تورنامى ئاخىرىغا index.php/ دەپ كىرگۈزۈڭ ، ھىساپتا ئاچقان تور ئادىسىمىز : “https://shiftt.cn/index.php” شەكىلدە بولغاندا ئاپتۇماتىك ھالدا قاچىلاش پىروگىراممىسى ئىجرا بولىدۇ ، بۇيەردىن خەنزۇتىلىنى تاللايمىز ، ئاندىن ساندان ئۇچۇرىنى مۇقۇملاشتۇرىمىز . دىققەت ! بايا توربەت قۇرغان ۋاقىتتكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى توغرا توشقۇزىشىمىز كىرەك بولمىسا ساندانغا ئۇلىنالمايدۇ ، ئۈستىدىكى ئۈچ قۇرنىلا تولدۇرساق بولىدۇ .
![图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگ-توربىتى-قۇرۇش-4.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاخىرىدا توربەت ئىسمىنى ۋە ئېلىخەت ئادرسمىزنى ، پارولنى تولدۇرۇپ باشقۇرغۇچىلىق سالاھيەت قۇرۇپ چىقمىز .
![图片[7]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگ-توربىتى-قۇرۇش-6.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
شۇنداق قىلىپ ۋوردپىرىس قاچىلاش خىزمىتى تاماملاندى !
بىكەت باشلىقى بولغان ساياھىتڭىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتىشىگە تىلەكداشمەن ~~
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ


![图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-ۋوردپىرىس-502-خاتالقدىن-قۇتۇلۇش-1.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)

















كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش