بۈگۈن ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتىگە قانداق قىلىپ ئۆزىمىز ياقتۇرغان شەكىلدىكى رەسىم قىستۇرۇشنى سۆزلەپ ئۆتىمىز ، ئەلۋەتتە بۇ توربەت بىزەش ، گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىگە كىرىدۇ ، چۈنكى ھەممىمىز گۈزەل رەڭگارەڭ نەرسىلەرگە ئامراق كىلىمىز ، توربەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى ھالىتىدىنلا بىكەت باشقۇرغۇچىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ .
SVG بولسا بىر خىل سۈرەت ھۆججىتى شەكلى، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Scalable Vector Graphics بولۇپ، قىسقارتقىلى بولىدىغان ۋېكتورلۇق شەكىل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ (W3C) ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئېچىلغان. قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ئوچۇق ئۆلچەملىك ۋېكتورلۇق گىرافىك تىلى بولۇپ، سىزنى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى Web گىرافىك بەتنى لايىھەلەتكۈزگىلى بولىدۇ. ئابۇنىچىلار كود ئارقىلىق سۈرەتنى بىۋاسىتە تەسۋىرلىيەلەيدۇ، ھەرقانداق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش قورالى ئارقىلىق SVG رەسىمىنى ئاچالايدۇ، قىسمەن كودنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سۈرەتنى دىئالوگ ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغىلى ھەمدە خالىغان ۋاقىتتا HTML غا كىرگۈزۈپ تور كۆرگۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ.
بۇ ئىقتدار بىلەن قانداق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ ؟
مەسىلەن : بىز ئادەتتە توربەت چوقىسدىكى تېزىملىككە پەقەت خەتلا كىرگۈزەلەيمىز ، Svg رەسىم شەكلى ئارقىلىق بىز تېزىملىك ئارىسىغا ۋە توربەت ئۇلانمىلىرى ئىچىگە ئۆزىمىز ياقتۇرغان رەسىملەرنى قىستۇرۇپ خەت بىلەن چوڭ كىچىكلىكى تەڭ ھالەتتە كۆرۈنۈپ تۇرىدغان قىلالايمىز ، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسنى دىسەك ، بۇ بىر ئاددىي ئىپادىلەش كودى ئارقىلىق خەتنىڭ ئارىسىغا رەسىمنى كىرگۈزۈش بىلەن باراۋەر .
نەتىجە : رەسملەرنى كىرگۈزگەندىن كىيىنكى توربەت تېزىملىكى
|
ئەمدى قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ قانداق قىلپ بىلوگىمىزنى بىزەشنى باشلايلى ~~
ئىقتىدار ئۇلاش ھەقىلىق قىلىپ سۆزلەندى ، ئەگەر قىزىقسىڭىز سىتىۋلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .
دەرسنى تەپسلىي كۆرگىنڭىزگە رەھمەت ، ئەگەر سىزگە ياردىمى تەگكەن بولسا دوستلىرڭىزغا ۋە چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەپ قويشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ❤
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش