ياخشىمۇ سىللە دوسلار يىقىن دوستۇڭلا سەردار يىراقتىن سىللەرگە مەزمۇن تەييارلاپ كەلدى ھەم دوسلار بىلەن ئورتاق مەسىلىلەرنى ئورتاقلاشقىلى كەلدى .
دوسلارنىڭ مەزمۇننى كۆرۈپ بولۇپ چىقىپ كەتمەي تارقىتىپ قويىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز ~~
ئاساسلىق مەزمۇنغا قايتىپ كەلسەك :
ئۇندىدار كىچىك پىروگراممىسىدا خالىغانچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش بۇرۇنلا ھەل بولغان بولسىمۇ يەنە يىڭى ئۈگەنگۇچى دوسلارنىڭ تەلىپىگە ۋە ئىھتىياجىغا ئاساسەن بۇگۇن بۇ تىمىدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن . url خاسلىقىغا بىرۋاستە css خاسلىقى بولغان font-face@ نى بىرۋاستە بەرسەك قوللىمايدىغان بولۇپ , بىز خەت نۇسقىسنى كودلاش ئارقىلىق base64 شەكلىنى url ئادىرسىغا ئالماشتۇرۇپ ، ئاندىن كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلەيمىز .
خەت نۇسقىسنى base64 شەكلى قىلىش ئۇسۇلى
بىرىنجى قەدەم : بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ttf خەت نۇسقىسىنىڭ فورماتدىكى ھۆججىتىنى تەييار قىلۋالىمىز . مەسلەن مەن UKIJ Ekran.ttf نى تەييار قىلدىم .
ئىككىنجى قەدەم : http://transfonter.org بۇ تور بىكەتكە كىرىپ مەن ئۇستىدە تەييار قىلۋالغان UKIJ Ekran.ttf نى base64 كە كودلاش ئىلىپ بارىمىز.
ئۈچىنجى قەدەم : بىز قىزىل سىزىق بىلەن كۆرسىتىپ قويغان Add fonts دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ ، بىز تەييارلاپ قويغان يەرلىتىكى خەت نۇسقىسنى تاللاپ بىرىمىز .
تۆتىنجى قەدەم : ئاستىدىكى Base64 encode دىگەن ئورۇننى ئېچىۋىتىمىز ، ھەم ئاستىدىكى TTF ۋە EOT نى تاللايمىز .
بەشىنجى قەدەم : بىز Convert دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ كودلاش ئىلىپ بارىمىز .
ئاخىرىدا Download دىگەن خەت كۆرۇنگەندىن كىيىن بىسىپ چۇشۇرۋالىمىز .
ئەپچاققا فونىت تونىتۇش ئۇسۇلى
بىز چۇشۇرگەن بولاقنىڭ ئىچىنى ئىچىپ stylesheet.css دىگەن ھۆججىتى ئۆزىمىزنىڭ ئەپچاق مۇندەرىجىسىدىكى app.wxss دىگەن ھۆججەتنىڭ ئىچىگە قويساق بولىدۇ . ( تۆۋەندە رەسىمى بىرىلدى )
![图片[2]-ئۇندىدار كىچىك ئەپچاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش-Bloger](https://img.lycheer.net/material/96137226/61f8116cb82897f4e0d8f23f.jpg)
بۇنىڭدىن باشقا ئۇندىدار ئەپچاققا خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش ئۇسۇلىرىمۇ بار ، بۇگۇن بۇ ئۇسۇلنى سىللەرگە سۇندۇق ~~
ئەگەر نۆۋەتتىكى يازمىنىڭ ئىچىدە ئىملا خاتالىقى ياكى تېخنىكا خاتالىقى بولسا تەكلىپ پىكىر بىرىشىنى سۆز قالدۇرۇپ قويۇشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمىز .
ئاپتور : سەردار
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ


![图片[1]-ئۇندىدار كىچىك ئەپچاققا ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسنى تونۇتۇش-Bloger](https://img.lycheer.net/material/96137226/61f8113ab828971354d8f23e.jpg)






![表情[zhayanjian]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/zhayanjian.gif)











كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش