خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
ئۇزۇن ۋاقىتلا ئۆتۈپ كەتتى ، سىلەر بىلەن دىدارلىشىپ بولالمىدىم ، خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سالوندا يوللىندغان مەزمۇنلار ئازىيىپ كىتىپ بارىدۇ ، توغرا چۈشىنشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~
بۈگۈن بىز ۋوردپىرىس توربىكىتىگە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش توغرىسدا ئاز تولا مۇلاھىزە ئىلىپ بارايلى …
كۈندىلىك توربەت باشقۇرۇش ۋە سالون باشقۇرۇش خىزمىتدە بىز ئۈندىداردىن ئايرىلالمايمىز ، ھەم ئاساسەن ھەممىزنىڭ دىگىدەك ئابونتلىرىمىزنىڭ ھەممسى ئۈندىدار ئىچىدە ، ئابونىتلار توربىتمىزنى زىيارەت قىلغاندا ئاساسەن دىيەرلىك ئۈندىدار ئىچىدىلا ئىچىشقا ئادەتلەنگەن .
![图片[1]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/165b154085ecbac2ced5a1732a256f65.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ۋوردپىرىس توربىكتىدە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا توربەتكە تېزىملىتىپ كىرىش ئۇسۇلى ئېلخەت ھىساباتى ئارقىلىق تېزملىتىشتىلا ئومۇملاشقان ، ئەلۋەتتە ھازىر ئاساسەن ھەممە ئادەمدە دىيەرلىك ئېلخەت ھىساباتى بار ، لىكىن بىزنىڭ رايونىمىزدا تامامەن ئومۇملىشىپ بولغىنى يوق ، شۇڭا بىز ئابونىتلارنىڭ توربەتكە ئاسان ، تېز ئۇسۇلدا تېزىملىتىپ كىرىشى ئۈچۈن ئۈندىدارنىڭ ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ .
ئۈندىدار ئەپ دىتالى ئىچىدە
دەلىللەنگەن ئۈندىدار سالونى (认证服务号) نىڭ توربەتكە ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارى بار ، شۇڭا بىز ئۈندىدار ئىچىدە توربىكتىمىزگە ئۈندىدار ئارقىلىق ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارىنى ئاچىمىز دەيدكەنمىز ، بىزدە ئەڭ ئاۋال دەلىللەنگەن ئۈندىدار سالونى (认证服务号) بار بولىشى كىرەك ، بولمىسا ئۈندىدار ئىچىدە ئابونىتنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىغا ئېرشەلمەيمىز .
كومپىيۇتىر تور كۆرگۈچ ئىچىدە
دەلىللەنگەن ئۈندىدار ئېچىۋىتلگەن سۇپىسى (微信开发平台) نىڭ توربەتكە ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارى بار ، شۇڭا بىز كومپيۇتىر توركۆرگۈچ ئىچدە توربىكتىمىزگە ئۈندىدار ئارقىلىق ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتدارنى ئاچىمىز دەيدكەنمىز ، ئەڭ ئاۋال دەلىللەنگەن ئۈندىدار ئېچىۋىتلگەن سۇپىسى (微信开发平台) بار بولىشى كىرەك ، بولمىسا توربەت يۈزىدە تۇرۇپ ئابونىتنىڭ ئۈندىدار ئاساسىي ئۇچۇرىغا ئېرشەلمەيمىز .
دىققەت : ئىككىسى ئايرىم سۇپا بولغانلىقتىن ھەر بىرسدە ھاسىللىغان ئابونىتنىڭ openID لىرى ئوخشىمايدۇ ، ئەگەر ئوخشاش بىر ئابونىتنىڭ توربكتڭىزدە ئىككى خىل ھىسابات ئىچىشنى ئاۋارچلىق كۆرسڭىز ئۈندىدار ئىچۋىتلگەن سۇپىسىغا ئۆزىمىزنىڭ سالوننى چىتىپ قويىمىز ، ئاندىن كۆپ سۇپىلاردكى ئوخشاش بولغان ئابونىتنىڭ openID ۋە UnionID سى بىردەك ھاسىل بولىدۇ ، شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلشمىز كىرەك .
![图片[2]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/57e27286207a59d2dfc903b500579821.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ۋوردپىرىس كۆپ سۇپىلاردا تېز ئۇسۇلدا كىرىش قىستۇرمىسى — Wechat Social login
ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن ئىسمنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ قاچىلايمىز ، ھەمدە قوزغىتىپ ئۆزىمىزگە لازىملىق تېز كىرىش ئۇسۇللىرنى ئىلتىماس قىلىپ ئىچىپ ماس كەلگەن ئۇچۇرلىرى تولدۇرۇپ قويساق بولىدۇ .
![图片[3]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/b8b242a22d36cc8629a16fc59236e6de.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ۋوردپىرىس توربىكتىگە ئۈندىدار ، چ چ ، مىكرو بىلوگ ، دىڭ دىڭ قاتارلىق ئۈچىنجى تەرەپ سۇپىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كىرىش ئىقتىدارلىرىنى ئاچالايمىز . ئەلۋەتتە مەن ئالددا دەپ ئۆتكەندەك ئۈندىدار سالون ۋە ئىچىۋتىلگەن سۇپىڭىز بولسا بۇ قىستۇرما سىزگە بۇ يولنى بىراقلا ھەل قىلىپ ئىككى سۇپىدكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرەلەيدۇ .
![图片[4]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/592f401da2f91a496e258570e442fe35.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
توربىكتىڭىزدكى ئابونتلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشىدۇ ، توربەتكە كىرىش ئۈچۈن ئۇنچىلا كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلنمايدۇ ، پەقەت ئۈندىدار ئچىدە ئاددىيلا ھوقۇق بىرلسلا كۇپايە ![图片[5]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/657b138b643e6b5b5cdbaf15bbb2eb70.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[5]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2022/01/657b138b643e6b5b5cdbaf15bbb2eb70.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئورگان توربكتىمىز تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن ۋوردپىرىس زىبىل ئۇسلۇبىدا يۇقارقى قسىتۇرمىغا قارىتا قوللنشچانلىق ھالەت كىرگۈزۈلگەن ، قىستۇرما ئۇچۇرىنى ئۇدۇللا ئىشلتەلەيدۇ ، ئارتۇقچە تەڭشەش ھاجەتسىز ، ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھدە كىرىش ئىقتدارنى ئىشلەتسڭىزمۇ بولىدۇ ، سىزدە پەقەت بىرلا دەلىللەنگەن سالون بولسا ، ئۈندىدار ئىچى ۋە توربەت يۈزىدە تۇرۇپ ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش مەشغۇلاتىنى قىلىپ پۈتكىزەلەيسىز !
ئاپتور : بىلوگىر
بىرنەچچە تورداشنىڭ توربىكتىدە يۈز بەرگەنلىكتىن بۇ ئىزاھاتنى يىزىپ قويدۇم —
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ




















ھازىرچە ئىنكاس يوق