خەيرىلىك كەچ تورداشلار ~
خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن سالون ۋە بىلوگ يازمىلىرى يېڭلىنىشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ قالدى، ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن ~~
ئاساسلىق تېمىغا كېلەيلى، بۈگۈن ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز، مەن ئۆزۈمنىڭ توربىتىگە ئىشلەتكەن بىرقانچە خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتۈشنى قارار قىلدىم.
![图片[1]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2023/02/粘贴.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
باشتا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتەي :
ئارىمىزدا ھەقىقەتەن ئۆز ئىجادچانلىقىغا تايىنىپ دەرسلىكلەرنى ۋە تور تېخنىكلىرىنى ئىشلەپ ھەقسىز ۋە ھەقلىق قىلىپ تارقىتىدىغان دوستلار بار، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى ھەمبەھرىلەش ئارقىلىق ئازتولا ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى يارىتىشنى ئويلايدۇ .
لېكىن يەنە بەزى ئىنسانلار بار، ئۇلار مەخسۇس باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى تېخنىكا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوغرىلاپ ياكى بىر قېتىم سېتىۋېلىپ ئۆزى ئالدىغا تۆكمە قىلىپ ساتىدىغانلار، مېنىڭچە بۇلارنىڭ ئەخلاقىدا چوڭ مەسىلە بار .
ھېلىمۇ يادىمدا، تۇنجى قېتىم بىلوگ يازمىسى يازغىنمدىمۇ، مەن توربەتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى قىلمىغاچقا ئۇدۇللا باشقىلار تەرىپىدىن شۇ پىتى كۆچۈرۈلۈپ كېتىپ ئۆزىنىڭ سالونىغا ئىجادىي يازما قىلىپ يوللىۋالغان .
شۇندىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ توربىكتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى خىلى كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق قوغدايدىغان بولدۇم …
ئاۋۋال ۋوردپىرىس قىستۇرمىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، بۇ قىستۇرما ئارقىلىق توربەتنىڭ ئاساسىي قوغداش خىزمىتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئاساسلىقى باشقۇرغۇچى ۋە ئادەتتىكى ئەزالارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ماڭا بەكلا يارايدۇ .
قىستۇرما ئىسمى — WPCopyRights
![图片[2]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2023/02/粘贴-1.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئەلۋەتتە، سىز توردىن ئۇدۇللا ئىزدىنىپ توربەتنىڭ ئەسلى كودى رامكىسى، باشقۇرۇش تاختىسىنى كۆرسىتىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توربەتنىڭ ئاساسلىق يۈكلىنىدىغان كودى ئىچىگە يېزىپ قويسڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىر پاسسىپ تەسىرى بار (بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىز توربەتنىڭ كودنى كۆرۈپ تۇرۇپ ھەل قىلىدىغان ياكى كېلىپ چىققان كاشىلىلارنى كۆرمەكچى بولغاندا، سىزنىڭ كۆرۈش ھوقۇقىڭىزنىمۇ چەكلەيدۇ ) ، مەزكۇر قىستۇرمىدا مۇشۇ مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھالەتتە ھەل قىلغان، يەنە كېلىپ قايسى قايسى ئىقتىدارلارنى ئىچىپ تاقاش، يەنە قايسى قايسى بەت ۋە يازما بەتلىرىدىكى ھوقۇقنى ئېچىۋېتىش قاتارلىقلارنىمۇ ناھايىتى ئاسان ئۇسۇلدا كونترول قىلىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
![图片[3]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2023/02/粘贴-2.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
يۇقىرىقىسى مىنىڭ توربىكتىمنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك تەڭشىكى ، كۆرۈپ ئۈلگە قىلغان ئاساستا ئۆزۈڭلارنىڭ توربىكتىگە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ .
كەمچىلىكى : توربەتنىڭ ئەسلى كود ئاساسىي باشقۇرۇش تاختىسىنى قوغداش ، F12 كونۇپكىسنى چەكلەش ئىقتىدارىدا كەمچىلىك بار ، (مەن ئىشلەتكەندە ئوخشاش ئىشلىمىدى ) .
ئەلۋەتتە ، ئەڭ ئاۋۋال بۇ كەمچىلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ تېپىشىمىز كېرەك .
قسىتۇرما كودى ئىچىدىكى ئاساسىي ھۆججەتنىڭ مۇناسىپ ئورنىدىكى كودلىرىنى ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ .
بىلوگ ئاساسىي مۇندەرىجىسى >> wp-content/plugins/wpcopyright/index.php << ھۆججىتىدىكى 109- قۇر ئەتراپىدا .
مەسىلە : توركۆرگۈچنىڭ كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكنى ھېسابلاش فۇنكسىيەسىدە خاتالىق يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇدۇللا بۇ ئىقتىدار ئىشلىمەي قويغان ، تۆۋەندە بىز بۇ كودنى ئۆزگەرتىپ ئۆلچەپ ئولتۇرمايلا F12 نى باسقان ھامان ئىنكاس قايتۇرىدىغان ھالەتكە ئەكېلەيلى ..
<script type='text/javascript'>
//禁用开发者工具F12
document.onkeydown = function () {
if (window.event && window.event.keyCode == 123) {
event.preventDefault(); // 阻止默认事件行为
window.event.returnValue = false; return false;
} };
</script>
ئەسلىدىكى JavaScript كودنى يۇيۇۋېتىپ يېڭى كودنى يازىسىز ، مەسىلە مۇشۇنىڭ بىلەن ھەل بولىدۇ.
توربەت يۈزىدە ئۆزىڭىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتىدە ۋە ئادەتتىكى ئەزا سالاھىيتدە ئوخشمغان ھالەتتە تۇرۇپ سىناش ئارقىلىق كودنىڭ ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز .
ئەسلى يۇقىرىقى ئورۇننى ھەقلىق يازما قىلىپ يازماقچى ئىدىم ، لېكىن يەنىلا ھەقسىز پىتى قالدۇردۇم ، ھەممە دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر قېتىم قول سېلىپ ئىزدىنىپ بېقىشنى ئويلاپ ئاخىرقى مەزمۇنلارنى ساقلاپ قويدۇم .
ئەگەر سىزنىڭ توربەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان كۆز قارشىڭىز يۇقىرى بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسىڭىز ، قوللىرىڭىزنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئىزدىنىپ تېخىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى تاماملىشڭىزغا تىلەكداشمەن .
ئەلۋەتتە ، دۇنيادا مۇكەممەل بىخەتەر سىستېما بولمايدۇ ، بىراق يۇقىرىقى دەرسلىك بويىچە سىز كۆپلىگەن كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن خالاس بولىسىز .
خۇلاسە : بۈگۈنكى قىستۇرمىنىڭ مەسىلىسى JavaScript كودى ئارقىلىق ھەل قىلىندى ، ئاۋۋال توربىكتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكنى سىناپ بېقىپ بىرە مەسىلىنى بايقايسىز ،ئەقىللىك بولغان سىز بۇيەرگە يەنە JavaScript كودى يېزىپ ئۆزىڭزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئويلايسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كېتىسىز …
بىلوگىمغا كېلىپ ئىنكاس قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ~~
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ





















كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش