توربەت كېلشىمنامىسى

ياخشىمۇ سىز !

 

خۇش كەلدىڭىز تورداش  ❤  بىكتىمگە كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !!!

 

بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىمىز مەخسۇس ۋوردپىرىس بىلوگى قۇرۇپ چىقىش ، يۈرگۈزۈش دەرسلىكلىرىنى ئاساس قىلغان ، توربەت باشقۇرۇش ، سالون ۋە ئەپچاق باشقۇرۇش دەرسلىكلىرى ، كومپيۇتىر تېخنىكا بىلىملىرى ۋە ئەسلى كود ھەمبەھىرلەش مۇلازىمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

بىكتىمىزدە ئەزالىققا ھوقۇق بىرىپ كىرگىنڭىزدە سىزنىڭ تۆۋەندكى بىرقانچە نۇقتىلارنى بىلۋىلشىڭىزنى سورايمىز .

  1. بىكتىمىزگە ئېلخەت ئارقىلىق تېزملىتىپ كىرسڭىز سزنىڭ پەقەت ئېلخەت ئۇچۇرىڭىزلا ساقلىنىدۇ .
  2. بىكتىمىزگە ئۈندىدار ، QQ ، مىكرو بىلوگ قاتارلىق تىز ئۇسۇلدا تېزىملىتىپ كىرسڭىز سزنىڭ شۇ سۇپىلاردىكى ئاساسىي شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ساقلىنىدۇ .
  3. بىكتىمىزگە ئەپچاق ئارقىلىق تېزملىتىپ كىرسڭىز سىزنىڭ ئۈندىداردىكى ئاساسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ساقلىنىدۇ .

بىكتىمىز سىزنىڭ  شەخسىي ئۇچۇرلىڭىزنى قەتئىي مەخپىي ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ ، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز توربىكتىمىز ۋە ئەپچاق يۈزىدە يازمىلارغا يۈرەك بىرىش ، ساقلاش ، ئىنكاس يىزىش  ۋە شەخسىي تەشۋىقات مۇقاۋىسى ھاسىللاش ئىقتدارلىرىغا ئىشلىندۇ ، باشقا ھەرقانداق سودا خاراكتىرىنى ئالغان ۋە ياكى قانۇنسىز ئېلىم سىتىم ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ .

بىكتىمىزدە سىتىۋالغان مەھسۇلاتلار زاكاس ئۇچۇرى سىزنىڭ تېزىملىتىپ كىرگەن ھىسابات نۇمىرىڭىزغا ۋە باغلىغان ئېلخەت ئادىرسڭىزغىلا يوللىندۇ ، باشقا ھىچقانداق ئورۇندا ئاشكارە قىلىنمايدۇ .

تور بىخەتەرلىكنى قوغداش سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇريىتى ، بىكتىمىزدە زىيارەت قىلغاندا مەدەنىي ، ساپالىق ھالدا ئىنكاس يىزىشقا ، ئۇچۇر يوللاشقا ، پاراڭلىشىشقا دىققەت قىلىڭ ، ئەگەر ئەخلەت ئۇچۇر ، مەدەنيەتسىز چاكىنا سۆز ئىبارىلەر ، پىتنە ئىغۋا ، قانۇنسىز تور ئۇلانمىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئىنكاس رايونىدا كۆرۈلسە بىكتىمىز ھەرۋاقىت ئۆچىرۋتىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق ، تەسىرى يامان بولغانلىرى بولسا بىكتىمىز سزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىپ پاش قىلىدۇ .

ئەگەر يۇقارقى كېلشىمگە قوشۇلسىڭىز توربكتىمىزگە ۋە ئۈندىدار ئەپچىمىزگە ئەزالىققا ھوقۇق بىرىپ كىرسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر ئەزالىققا ھوقۇق بىرىش ئالدىدا ئۆزىڭىز ئىنىق ئوقۇماي ئۇدۇللا ھوقۇق بىرىپ كىرگەن بولسىڭىز بىكتىمىز سزنى يۇقارقى كېلشىمگە قوشۇلدى دەپ قارايدۇ .

ئەگەر كېلشىمگە قوشۇلمىسڭىز بىكتىمزى ۋە ئەپچاق يۈزىدە ھوقۇق بىرىپ كىرمىسڭىز تامامەن بولىدۇ .

ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرىڭىزدىن ئەندىشە قىلسڭىز ۋە ياكى بىكتىمزدىكى بارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت .

بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرى