بەلكىم سىزمۇ سالون ۋە بىلوگ باشقۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشاش مەزمۇننى ئايرىم تەھىرىرلەپ يۈرۈپ بۇنى ئاۋارچىلىق ھىس قىلىپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن ~
ئۆزۈمنى مىسال قىلىپ ئىيتساممۇ ، بىر ئىشنى ئىككى قىتىم قىلىش بىلەن ئانچە خوشۇم يوق ، بەلگىلەنگەن سۈپەتكە يەتسىلا شۇ يىتەرلىك ئەمەسمۇ ، نىمىشقا قايتا قايتا قىلىپ يۈرىمىز .
![图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ۋوردپىرىس قىستۇرمىسى : “蜜蜂采集” بىزنىڭ سالوندا تەھرىرلىگەن مەزمۇنلىرىمىزنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ۋوردپىرىس يازمىسى ھالىتىدە ساقلىيالايدۇ ، مەزكۇر قىستۇرمىنى قاچىلاش ئۈچۈن ، ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرىدىن ئىسمىنى يىزىپ ئىزدەپ چۈشىرۋالسىڭىز بولىدۇ ، ئادەتتكى سالون يازمىسى ۋە بىرقانچە داڭلىق توربەتلەردىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چىقالايدۇ .
![图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى-1.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قسىتۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن باشقۇرۇش سۇپىسىدا قىستۇرمىدىن 2 سى پەيدا بولىدۇ ، بىز بۇيەردە كونا نۇسقىدىكىسنى تاللاپ ئىشلىتمىز .
مەزكۇر قىستۇرمىدا مەيلى يىڭى نۇسقىدىكى ھالىتى بولسۇن ياكى كونا نۇسقىدىكى ھالىتى بولسۇن ، ھەر ئىككىلىسىدە سىزگە پەقەت 5 قىتىملا ئىشلىتىش پۇرسىتى بىرىدۇ ، ئىشلىتىپ بولسىڭىز قايتا ئىشلتەلمەيسىز ، چوقۇم تەستىق كودى سىتىۋىلىپ ئىشلىتشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ .
![图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى-2.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
يىڭى نۇسقىدىكى ھالىتىنمۇ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر ياراپ قالسا تەستىق كودى سىتىۋىلىپ مەڭگۈلۈك ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . مەن ئۈگەتكەن ھۈنەر بويىچە مەشغۇلات قىلىپ ھەقسىز ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ~~
قىستۇرمىنى يىشىش جەريانى
ئەسكەرتىش : يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتىلگىنى پەقەت ۋوردپىرىس بىلوگىغا ئۇدۇل كەلگەن ساندان ئۇچۇرى ، خاتا مەشغۇلات قىلىپ باشقا توربەتلەرنىڭ ساندانلىرىنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياكى ساندان ئىچىدكى قىممەتلەرنى قالايمقان قلىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىڭ ، تەپسىلىي كۆرۈپ توغرا مەشغۇلات قلىڭ ~
ئەڭ ئاۋال باۋتادىن ئۆزىمىزنىڭ بىلوگىمىز ساندانىغا كىرىمىز ، بۇيەردە phpMyadmin ساندان باشقۇرغۇچى مىسال قلىندى .
ساندان ئىچىدكى wp_options ھۆججىتى ئىچىدىن bp_count بۆلىكىنى ئىزدەيمىز .
![图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى-4.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاندىن ئىزدەپ چىقىلغان بۆلەك ئىچىدىن option_value قىممتىدىكى 5 نى ئۆزىڭىز خالىغان بىر سانغا ئۆزگەرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ .
![图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى-5.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا سالون يازمىسىنى كۆچۈرۈش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-سالون-يازمىسىنى-كۆچۈرۈش-قىستۇرمىسى-6.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
يىشىش تامام !
ئىزاھات : مەزكۇر قىستۇرما سىزنىڭ سالون ۋە بىلوگ باشقۇرشىڭىزغا كۆپ قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلەلەيدۇ ، مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق ئەلۋەتتە ھەرقانداق سالوندىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ ، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ سالونىدىكى ئۆزىڭىز تەھرىرلىگەن مەزمۇنلارغىلا ئىشلىتشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، باشقىلارنىڭ ئىجادىي مەزمۇنلىرىنى كۆچۈرمەسلىكىڭىزنى ، باشقىلارنىڭ ئىجادىيتىگە ، ئەمگىكىگە ھۆرمەت قلىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بىز سالونچى ، بىكەت باشلقى بولغانلقىمىز ئۈچۈن ئۆزدىيارىمىزدىكى تور مۇھىتىنى پاكىز ، مەدىنىي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈلگە بولۇپ مىڭىشىمىز كىرەك ❤
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ


















كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش