خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
يىقىننڭىزى بىلوگدا قانداق قىلىپ چىرايلىقراق ئۇسلۇبتا مۇزىكا قىستۇرساق بولىدۇ دىگەن مەزمۇندىكى پارڭلار بولۇندى ، بۇ ھەقتە ئۆزۈممۇ ئولتۇرۇپ بىرەدەم ئىزدەنگەندىن كىيىن سىلەرگە قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان قىستۇرمىنى ئىلىپ كەلدىم ، ئىشلىتىپ بىقىشڭلارغا ئەرزىيدۇ ~
![图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/Pasted-into-ۋوردپىرىس-بىلوگىغا-ناخشا-قويغۇچ-كىرگۈزۈش.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئەلۋەتتە سىلەرگە تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئالددا ئۆزۈم بىر سىناق قىلىپ باقىمەندە ~~
Hermit قويغۇچ قسىتۇرمىسى
مەزكۇر ناخشا قويغۇچ قسىتۇرمسى ۋوردپىرىس ئىچىدە ناھايىتى ياخشى قوللىنىدۇ ، سىز بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ۋاڭيىيۈن (网易云) ، شىيامى (虾米) قاتارلىق سۇپىلاردىكى ۋە يەرلىكتىكى مۇزىكىلارنى بەت يۈزىدە قويالايسىز ، مەيلى بىرتاللا ناخشا بولسۇن ۋە ياكى ناخشا تىزىملىكى بولسۇن ۋە ياكى پىلاستىنكا مەزمۇنى بولسۇن ، بۇ قويغۇچ بىزنىڭ يازما بىتىمىزدە ۋە ئايرىم بەت يۈزىدە قويغۇچ شەكلىدە كۆرۈنىپ تۇرىدۇ .
چۈشىرىش ئۇسۇلى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، ۋوردپىرىس ئۇسلۇب بازىرى ئىچىدىن Hermit دەپ ئىزدىگەندىن كىيىن مەزكۇر قويغۇچ قسىتۇرمىسىنى تاپالايسىز .
ئاندىن قاچىلاپ قوزغىتىۋەتسەكلا كۇپايە ~~
![图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/69f01d9d8553a0aa4681cf9fbfb57c7e.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قسىتۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىزنىڭ مەزمۇن تەھرىرلەش بىتىمىزدە مۇزىكا قوشۇش كونۇپكىسىدىن بىرسى قوشۇلىدۇ ، باسقاندىن كىيىن بىز پەقەت ۋاڭيىيۈندىكى مۇزىكا ئادىرسىنى تولدۇرۇپ قويساقلا بولىدۇ ~
![图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/b7fc0809877bedeaae34b75ecb9ed1b3.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بىزنىڭ مەزمۇن بىتىمىزدە كۆرنىدىغان يۈزى تۆۋەندىكىچە :
![图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/b41ca68f2abbb9fa48d68c682a4cf529.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قستۇرمىنىڭ ياخشى يىرى شۇكى ، توربكتىمىزنىڭ كومپيۇتىر ۋە تىلغۇن نۇسقىلىرىدمۇ بەت يۈزىگە تولۇق چىقىدۇ .
ئەلۋەتتە بۇ قىستۇرمىدا ۋاڭيىيۈندىكى ھەقسىز ناخشا مۇزىكىلارنىلا قويغىلى بولىدۇ ، ھەقلىق ۋە نەشىر ھوقۇقى بار بولغان ناخشىلارنى ئەكىرەلمەيسىز .
يەنە بىرخىل ئۇسۇل
ئۇدۇل ۋاڭيىيۈننىڭ توربىتكى ئىچىدىنلا ئەكىرسەكمۇ بولىدۇ ، بۇنداق بولغاندا توربەت يۈزىدە ئۇدۇل ۋاڭيىيۈننىڭ مۇزىكا ھەمبەھىرلەش ئۇسلۇبىدا كۆرىنىدۇ ، خۇددى چەمبىرەككە يولىغاندەكلا …
بىرىنجى قەدەمدە بىز ۋاڭيىيۈن ئورگان توربىكتىنى توركۆرگۈچتە ئاچىمىز ، ئاندىن ئۆزىمىز ياقتۇرغان ناخشىدىن بىرنى قويىمىز ، ناخشا بىتىدىكى رەسىمنىڭ ئاستىدا مەزكۇر ناخشىنىڭ ۋاڭيىيۈن ئورگان تەمىنلىگەن سىرىتقى مۇزىكا ئادىرىس ھاسىل قىلىش كونۇپكىسى بار .
![图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/b9fa32809ed06cd91e461e40f8afc8eb.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
كونۇپكىنى باسقاندىن كىيىن بىز ۋاڭيىيۈن ئورگان تورنىڭ ناخشا ھەمبەھىرلەش سۇپىسىغا كىرىمىز ، بىز ئەڭ ئاۋال iframe 插件 دىگەن كونۇپكىنى باسىمىز ، ھىساپتا بىز بۇ ناخشىنى iframe خەتكۈچى ئارقىلىق توربىكتىمىزگە ئەكىرگەنگە ھىساپ ، flash ھازىر مودىدىن قالدى دىسەكمۇ بولىدۇ ، ھەم كۆپىنچە توركۆرگۈچلەر ۋە سۇپىلار قوللاشنى توختاتتى شۇڭا بۇ تۈرنى تاللىماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئاندىن ئاستىدكى مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئۇزۇنلىقى ۋە كەڭلىكىنى تەڭشەيمىز ، ئەگەر بۇنىڭغا بەك چوڭ تەلىپىڭىز بولمىسا سۈكۈتتكى ھالەتتە تۇرغۇزۇپ قويسڭىزمۇ بولىۋىردۇ ، ھەممسىنى ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىغا قارىتا تەڭشىۋالسڭىز بولىدۇ ~~
![图片[7]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/41d160be5e08797e0d713d5982b34210.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاخىرىدا بىز توربەت ئاستىدكى ھاسىللانغان كودنى كۆچۈرۈپ چىقىپ ، ۋوردپىرىس مەزمۇن تەھرىرلەش بىتىنىڭ كود بۆلىكىگە چاپلىساقلا بولىدۇ .
![图片[8]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/1513c028a712abcbe7b16c085497cecd.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاندىن ئالدى بەتتە كۆرۈنىدىغان ھالىتى تۆۋەندىكىچە :
![图片[9]-ۋوردپىرىس بىلوگىغا ناخشا قويغۇچ كىرگۈزۈش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/04/273929128efe7b3120c2b7d1467871f4.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئىزاھات : مۇشۇ يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ توربىكتڭىزگە ناخشا مۇزىكىلارنى قويالايسىز ، ئەلۋەتتە ناخشا قويغۇچ قسىتۇرمىلىرى پەقەت بۇنىڭ بىلەنلە چەكلىنىپ قالمايدۇ ، يەنە نۇرغۇن قىستۇرمىلار باركەن ، مەن ئىشىلتىپ سىناپ كۆرۈپ ئۆزۈمگە يارىغاننى سىلەرگە تەۋسيە قىلدىم ، ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزگە يارىغان بولسا مەزكۇر يازمامنى ھەمبەھىرلەپ تارقىتىپ قويشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ




















كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش