بۈگۈن تەھرىرلەش ئىشلىرى ئۈستىدە توختىلايلى …
سىلەر ھازىرغىچە قايسى تەھرىرلەش قورالىنى ئىشلىتىسىلەر ؟
![图片[1]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-%D8%AA%DB%95%DA%BE%D8%B1%D9%89%D8%B1%D9%84%D9%89%DA%AF%DB%88%DA%86-%D8%A6%D9%89%D9%82%D8%AA%D9%89%D8%AF%D8%A7%D8%B1%D9%89%D9%86%D9%89-%D8%A6%D8%A7%D8%B4%DB%87%D8%B1%DB%87%D8%B4-5.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
مەيلى سالون باشقۇرۇش بولسۇن ياكى توربەت ، بىلوگ باشقۇرۇش بولسۇن ، بىز چوقۇم ئۆز خاسلىقىمىزنى ساقلىغان ئاساستا ئەڭ ياخشى سۈپەتلىك يازمىلارنى يىزىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىشىمىز كىرەك .
لىكىن بىز مەيلى توربەت يۈزىدە بولسۇن ياكى سالون يۈزىدە بولسۇن ، مەزمۇن تەھرىرلىگەن ۋاقتىمىزدا ، داۋاملىق ئۇچىرايدىغان مەسىلنىڭ بىرى بولسا يازغان خەتنىڭ يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولىدۇ . بۇ باشقا كۆپ ساندىكى مىللەت يىزىقىنى ئىشلىتدغانلار ئۈچۈن ئىيتقاندا ناھايىتى نورمال بىر ئىش ، ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرتىلى يىزىقىمىز بولسا ئوڭدىن سولغا قاراپ يىزىلىدۇ . مەيلى بىز خەت ئورۇن بۆلىكىنى ئوڭ تەرەپكە يۆتكەيلى ، يىزىلغان خەتنىڭ يۆنىلىشى يەنىلا سۈكۈتتكى سولدىن ئوڭغا قاراپ يىزىلغان تەرىقىدە بولىدۇ .
![图片[2]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-تەھرىرلىگۈچ-ئىقتىدارىنى-ئاشۇرۇش.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
سالون يۈزىدە ھازىر شىرخان سالون ياردەمچىسى بار بولدى ، بۇ قىستۇرما بىز ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بولغان تەھرىرلەش شارائىتى يارىتىپ بەردى ، ئۆزىمىز خالىغان شەكىلدكى خەت نۇسقىسنى تاللاپ تۇرۇپ خەت كىرگۈزەلەيدكەنمىز ، ھەم خەت يۆنىلىشنىمۇ ئوڭدىن سولغا قارىتىپ تەھرىرلىگىلى بولىدكەن ، بۇيەردە بىزگە قولايلىق ئىلىپ كەلگەن شىرخان سالون ياردەمچىسىگە رەھمىتمنى بىلدۈرىمەن .
مەزمۇن ئاستىغا شىرخان سالون ياردەمچىسى چۈشىرىش ئادىرسنى قويۇپ قويدۇم چۈشىرىپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ .
![图片[3]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-تەھرىرلىگۈچ-ئىقتىدارىنى-ئاشۇرۇش-1.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
سالوندا تەھرىرلەش ئىشلىرى جايىغا چۈشتى ، ئەمدى توربەت يۈزىدىچۇ ؟ توربەت يۈزىدىمۇ خەت يۆنلىشنى ئوڭدىن سولغا قارىتىپ يازغىلى بولامدۇ ؟
بۇيەردىكى جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ !
بلوگىڭىز ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ ئەڭ ئاۋال تەھرىرلىگۈچنىڭ ئەسلى نۇسقىسنى قاچىلاڭ .
ئۇندىن كىيىن قىستۇرما قاچىلاش بىتىدىن : Advanced Editor Tools دەپ ئىزدەيمىز ، بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتدارىنى كۈچەيتكۈچ ، ئىزدەپ چىققان قىستۇرمىنى قاچىلايمىز ، ھەم قوزغىتىمىز .
![图片[4]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-تەھرىرلىگۈچ-ئىقتىدارىنى-ئاشۇرۇش-2.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قاچىلاپ بوپ قوزغاتقاندىن كيىن تاپالمىدىم تىزىملىكتە چىقمىدى دەپ ئولتۇرۇپ قالماڭ ، بەزى چوڭراق قىستۇرمىلار ئۇدۇل تىزىملىك يۈزىدە چىقىپ تۇرىدۇ ، بەزىلىرى تەڭشەك ئىچىگە كىرىدۇ ، شۇڭا بىز تەڭشەك كونۇپكىسنى باسقاندىن كيىن قوزغاتقۇچنى چىكىپ تەڭشەشكە باشلايمىز .
![图片[5]-تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Pasted-into-تەھرىرلىگۈچ-ئىقتىدارىنى-ئاشۇرۇش-3.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئۈستىدكى رايون بولسا سىزنىڭ تەھرىرلىگۈچىڭىزدە ھازىرقى بار بولغان ئىقتىدار ، ئاستىدكىلىرى داۋاملىق قوشسىڭىز بولىدغان ئىقتىدار ، بەك تەپسىلىي سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بەلكىم كۆرۈپلا چۈشىنەلەيسىز ، ئاستىدكى ئىقتدار كونۇپكىسنى سۆرەپ ئىچقىپ ئۆزىڭىزگە ئوڭ كىلىدغان تەھرىرلەش رايونىغا قويۇپ قويۇڭ ، ئاندىن ساقلىۋەتسڭىزلا بولىدى .
مەزكۇر قىستۇرمىدا تۇرۇپ سىز توربەت يۈزىدكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز ، ئىسىل سۈپەتلىك يازمىلارنى تەيارلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ~
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ




















ھازىرچە ئىنكاس يوق