خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
ئۇزۇندىن بىرى بىكاچىلىقتىن ئالدىراشلىقتىن بىكا بولۇپ بولامماي ، مەزمۇنلار يىڭىلىنىشى ناھايىتى ئاستىلىشىپ كەتتى ، شۇڭا بۈگەن ئوتراپ بىر ھەممەيلەنگە يارايدغان بىر مەزمۇن يىزىپ چىقىشنى قارار قىلىدىم .
يىقىندا ناھايىتى پەيزى قىستۇرمىدىن بىرنى تىپىۋالدىم ، شۇڭا ئۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن ، ھەممىڭلارغا پايدىسى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن …
ئەڭ ئاۋال غەملەك (缓存) دىگەننىڭ نىمە ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى :
ئادەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يەنى CPU سانلىق مەلۇماتلارنى ئېزدەش ئۈچۈن ئۇدۇل غەملەك ئىچىدىن ئېزدەيدۇ ، بار بولسا ئۇدۇللا ئاشۇ سانلىق مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ، ئەگەر ئېزدىگەن ئۇچۇرى غەملەك ئىچىدە بولمىسا ئاندىن كىيىنكى قەدەمگە ئۆتۈپ ئىچكى ساقلىغۇچ ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئېزدەش سۈرئىتىمۇ كۆرنەرلىك ھالدا ئاستىلايدۇ . بۇ تېخنىكا يالغۇز كومپىيۇتىردىلا ئەمەس ، يانفۇن ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قوراللار ۋە ئۈسكىنلەردىمۇ مەۋجۇت .
ئەھھ … بۇ گەپلەرنى بىر قاراپلا ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ، باشتا كۆرگەندە مەنمۇ شۇنداق ھاڭۋىقىپ قالغان ، بۇنى زاغرا تىلمىزدا ئاددىي مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ .
ۋوردپىرىس توربىكتى ۋە ئابونىتنىڭ يانفۇنى مىسال قىلىندى ….
![图片[1]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/c6710f521ae2785a87746f1393fb0d1a.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
مەسىلەن : ئەتىگەن مەن بىر توربەتنى كۆردۈم ، بۇ توربەتتە خىلى كۆپ مەزمۇن بار ئىدى ، دەسلەپتە توربەتنى ئاچقاندا سەل ئاستا ئىچىلدى (5 سىكۇنىتتا يۈكلنىپ بولدى دەپ تۇرايلى)، مەن مەزمۇنلارنى بىر قاتار كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۆچىرۋەتتىم ، ئاندىن مەن چۈشتە بىر مەسىلگە يولۇقۇپ يانا شۇ توربەتنى ئاچقان ۋاقتىمدا توربەت ناھايىتى تىزلا ئىچىلدى (1 سىكۇنىت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز) . بۇ نىمە سەۋەبتىن ئىككىنجى قىتىم ئاچقاندا ناھايىتى تىزلا ئىچىلىپ كىتدۇ ؟
چۈنكى :
1- بۇ توربەتنىڭ غەملەك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى .
2- مىنىڭ يانفۇنۇم تۇنجى قىتىم توربەتنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىلا ، توربەتتكى سانلىق مەلۇماتلارنى غەملەك ھالىتدە ساقلىۋالدى .
3- توربەتنى كىينكى قېتىم ئاچقان ۋاقتىمدا ئۇدۇللا ئالدىدا ھاسىل قىلغان غەملەك ئىچدىن سانلىق مەلۇماتلار ئىجىرا بولۇپ ئىچىلىش سۈرئىتى كۆرنەرلىك ھالدا ئاشتى .
ئەمدى ئاز تولا بولسمۇ غەملەك ھەققدە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق ، خاتىرجەم ھالدا قىستۇرمىنى ئىشلتەلەيمىز …
بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمىسى .
![图片[2]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/277ffd265b485a824e59a035dc5ea443.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قىستۇرما ئىسمى — Wp Rocket
مەزكۇر قىستۇرما مەن ئىشلتىپ باققان غەملەك بىر تەرەپ قىلىش قىستۇرمىلىرى ئىچىدە ئەڭ نوچىسى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ قىستۇرما ئەسلى يىللقى 49$ دوللارلىق ھەقلىق قىستۇرما ، باشقا بىكەت باشلىقلىرنىڭ تەۋسىيسى ئاستىدا مەنمۇ يىشۋىتلگەن نەشىرىنى ئىشلتىپ سىناپ كۆرۈپ باقتىم ، قىستۇرما دۆلەت تىلىدا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ، ئىشلىتىش ئۇسۇلمۇ ناھايىتى ئوڭاي ، تەڭشەكلىرىنى بىرلا كۆرۈپ قانداق ئىقتدارغا ئىشلتىدغانلىقىنى بىلۋالالايسىز .
![图片[3]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/f16bc45d97f0a6c0c32f8896ba9698af.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۆپ ، توربىكتىڭىزنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىردىكى ئىھتىياجلىرىدىن ئاساسەن چىقىپ كىتەلەيدۇ . تۆۋەندە قىستۇرمىنىڭ ئالاھىدلكىنى كۆرسەتكەچ ، تورداشلارغا ئۆزۈمنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۈلگە قىلىپ كۆرستەي .
![图片[4]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/a144cbcfdbd4660de06b57c3dd3da56f.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[5]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/98c0167673afec44a65e66039ad78001.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[6]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/e4c9f775e6346e878e28475637fc83fe.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[7]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/fafbe6014f5a75b9a7a2ac5cd8deb94a.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[8]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/721a065fa8999c7cf4fc16fdaed5c6be.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[9]-ۋوردپىرىس غەملەك ئەلالاشتۇرۇش قىستۇرمسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/12/40f08c51c6a5fdf1c753bebeb672f31d.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ئاساسلىق تەڭشىگەن ئورۇنلار يۇقىرقىلار شۇ ، قالغان ئىقتىدارلىرىنىڭ بەزىلىرى بىلەن مەن ئىشلتىۋاتقان زىبىل ئۇسلۇبى ۋە توربەتتكى باشقا ئىقتىدارلارنىڭ توقۇنىشى كىلىپ چىققانلىق سەۋەبلىك ئۆچىرىۋەتتىم ، بەزىلىرىنى ئەسلا ئىشلتىپ كىتەلمەيمەن دەپ قارىدىم .
سىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى ئۇسلۇب ۋە توربەتتكى ئىقتىدارلاغا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر قىستۇرمىدىكى مەلۇم بىر ئىقتىدار توربەتكە تەسىر يەتكۈزسە شۇ ئىقتىدارنى ئۇدۇل ئۆچىرىۋەتسىڭىز بولىدۇ ، ئارقىدىن قايتا غەملەك يىڭىلاشنى ئۇنۇتماڭ ~~
قىستۇرما چۈشىرىش
قسىتۇرمىنى ئورگان توربىكتىمىزگە كىرىپ مۇشۇ مەزمۇننىڭ ئاستىغا بىرقىتىم ئىنكاس قالدۇرغاندىن كىيىن چۈشىرىش ئادىرىسىغا ئېرىشەلەيسىز .
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ















![表情[xiaoyanger]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/xiaoyanger.gif)





كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش