خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
بۈگۈن ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ گەپ سىتىپ قوياي دەپ چىقىشىم .
ئۇزۇن بولاپتۇ لازىملىق نەرسلەنى يوللىمغىلى شۇڭا بۈگەن ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان بىر قىستۇرمىنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلۋالاي دەپ قالدىم .
ئادەتتە ۋوردپىرىس توربىكتىدە ئەزالار ئىنكاس يازغاندا بىز بۇنى ئۇدۇللا بىلەلمەيمىز ، ئۆزىمىز ۋاقىت چىقىرىپ ئارقا سۇپىغا ئۆتۈپ قارىساق ، ۋەياكى باشقا ئۇسلۇب قىستۇرمىلاردا ھازىرلانغان ئېلخەت يوللاش سېستىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇرىشى ئاستىدا بىز ئاندىن ئەزالارنىڭ ئىنكاس يازغانلىقىنى بىلەلەيمىز .
بۈگۈنكى قىستۇرما دەل بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىھتىياجىمىزدىن چىقىدۇ ، ئەزالار ئىنكاس يازغاندا ئۇدۇل بىزنىڭ ئۈندىدارىمىزغا ئۇچۇر بولۇپ كىلىدۇ .
قىستۇرما ئىسمى — ServerChan通知
![图片[1]-ۋوردپىرىس ئىنكاس ئۇچۇرىنى ئۈندىداردا قوبۇللاش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/09/8586f3d9b2788a8646e3004541a7f044.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
1. چۈشىرىپ بولغاندىن كىيىن قىستۇرمىنى ۋوردپىرىس قىستۇرما بۆلىكىدە تۇرۇپ ئارقا سۇپىغا چىقىرىپ قاچىلايمىز ھەمدە قوزغىتىمىز .
![]()
2. ئاندىن ۋوردپىرىس ئاساسىي تەڭشىكى – ئىنكاس تەڭشىكى بۆلىكىنىڭ ئەڭ ئاستىدا SendKey دىگەن ئورۇنغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرىمىز .
![图片[3]-ۋوردپىرىس ئىنكاس ئۇچۇرىنى ئۈندىداردا قوبۇللاش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/09/f069c449b4c4a321e1661a0e5b3e6918.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
SendKey ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئاپتورنىڭ توربىكتىنى ئاچىمىز .
توربەت ئادىرىسى : https://sct.ftqq.com تور كۆرگۈچتە ئىچىڭ .
توربەتكە كىرىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ سالوننى قوشىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن توربەت يۈزىدكى كونۇپكىنى باسىمىز ئاندىن كىرىش مۇۋەپىقيەتلىك بولىدۇ .
توربەتكە ئوڭۇشلۇق كىرگەندىن كىيىن بىزگە ئۇدۇللا Sendkey نۇمىرىنى تەمىنلەپ بىرىدۇ ، بۇ ئۇچۇرنى بىز بايىقى ۋوردپىرىس ئىنكاس تەڭشىكى ئەڭ ئاستىدىكى بۆلەككە يىزىپ ساقلىۋىتىمىز .
![图片[4]-ۋوردپىرىس ئىنكاس ئۇچۇرىنى ئۈندىداردا قوبۇللاش قىستۇرمىسى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/09/2739049aedb201875b99171566cfda36.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ساقلاپ بولغاندىن كىيىن سىناق ئۇچۇرنى بىسىپ ئۈنۈمىنى سىناپ باقسڭىز بولىدۇ ، ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى ، ئاندىن باشقا كىچك نۇمۇر ياكى ئەزا سالاھىيتدە تۇرۇپ توربىكەت يۈزىدە ئىنكاس يازسىڭىز قىستۇرما ئاپتورنىڭ سالونى ئارقىلىق سىز بىكتىڭىزدىكى ئىنكاسلاردىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز .
![]()
ئەگەر سىزنىڭ كارخانا ئۈندىدارىڭىز بولسا ئۇدۇللا ئۆزىڭىزنىڭ كارخانا ئۈندىدارى ئچىدىنلا ئۇچۇر تاپشۇرۋالدىغان قىلىپ تەڭشىسڭىز بولىدۇ ، چۈنكى ئۈندىدار سالون ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارى بەلكىم تىڭشۈن تەرىپىدىن ۋاز كىچىلىپ قىلىشمۇ مۇمكىن ، شۇڭا قىستۇرما ئاپتورىمۇ بۇنى كۆزدە تۇتۇپ كارخانا ئۈندىدار ئۇچۇرى كارىدورىنى ياساپ چىققان ، ئەگەر كارخانا ئۈندىدارڭىز بولمىسا ئۆز پىتى ئىشلىتىۋەرسڭىز بولىدۇ ، ئۆزىڭىزگە قايسى قولايلىق بولسا شۇنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
قىستۇرما ئاپتورى باياناتى :
مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق ۋوردپىرىس توربكتىدىكى ئىنكاسلارنى ھەر ۋاقىت تاپشۇرۋالالايسىز ، ئەمما كۈندە يىڭى قوشۇلىدغان ئەزالار ۋە تىڭشۈننىڭ سالون ئۇچۇر ئىقتىدارىغا بولغان ھەر كۈنلىك چەكلىمىسى تۈپەيلى ھەر بىر ئابونىت ھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 5 قىتىم ئىنكاس ئۇقتۇرىشى تاپشۇرۋالالايدۇ .
مىنىڭچە بىر كۈندە 5 قىتىم ئىنكاس ئۇچۇرى قوبۇللاش ھەرگىزمۇ ئاز ئەمەس ، ئىشقىلىپ يوقتىن ياخشى ، ھەم مىنىڭ بىلوگىمغىمۇ بىر كۈندە 5 ئىنكاس كەپ كىتشى ناتايىن~~
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ














![表情[ciya]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/ciya.gif)
![表情[touxiao]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/touxiao.gif)
![表情[daku]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/daku.gif)
![表情[guzhang]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/guzhang.gif)
![表情[fadai]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/fadai.gif)
![表情[qiang]-Bloger](https://www.shiftt.cn/wp-content/themes/zibll/img/smilies/qiang.gif)






كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش