سالام تورداشلار ...
بۈگۈن سىلەرگە ۋوردپىرس بىلوگ توربىتىگە CDN ئۇلاش توغرىسدا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن .
ئالدى بىلەن بىز CDN دىگەن سۆزنىڭ مەنسنى ۋە ئىقتدار چۈشەندۈرلىشى ھەققدە تونشۇپ ئۆتەيلى . CDN دىگەن نىمە ، ئۇنىڭ قانداق رولى ۋە پايدىسى بار ؟
CDNنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Content Delivery Network يەنى مەزمۇن تارقىتىش تورى. CDN بولسا ھازىرقى تور ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەۋھۇم تور، ھەر قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يان مۇلازىمېتىرغا تايىنىپ، مەركىزىي سۇپىنىڭ يۈك تەڭپۇڭلۇقى، مەزمۇن تارقىتىش، تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدار مودۇلى ئارقىلىق، ئابونتلارنى يېقىن ئەتراپتا ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇنلارغا ئېرىشتۈرۈپ، تور توسۇلۇشنى تۆۋەنلىتىپ، ئابونتلارنىڭ زىيارەت قىلىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە نىشانغا تېگىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. CDN نىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىدىن ئاساسلىقى مەزمۇن ساقلاش ۋە تارقىتىش تېخنىكىسى بار.
بىز بۇ ئىقتدارنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ ؟
مىسال : مەسلەن سىزنىڭ مۇلازىمىترىڭىزنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن ، 1Ghz 2G 1Mb سەپلىمدىكى بىر ئادەتتكى مۇلازىمىتىر دەپ تۇرايلى ، بۇ مۇلازىمىترنىڭ تور سۈرئىتى ئاستا ، مەزمۇن بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتىمۇ ئادەتتىكىچە ، كۆپرەك ئابونىتلار زىيارەت قىلغان ۋاقىتتمۇ توسۇلۇش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇدە ، مۇلازىمىتىرنىڭ يۈكى ئارتىپ كىتىپ توربەت ۋە ياكى ئەپچاق قاتارلىقلار نورمال كۆرۈنمەيدغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ .
مەسلەن : بىر توربەتتە 20 پارچە رەسىم بار دەپ تۇرايلى ، ھەر بىر رەسمنىڭ چوڭلىقى 1Mb ئەپ چۆرىسىدە ، ئادەتتكى سەپلىمدكى مۇلازىمىتردا ئىجىرا قىلىپ بۇ توربەتنىڭ تولۇق ئىچىلپ بولىشى ئۈچۈن بىز ئاز دىگەندىمۇ 10-20 سىكۇنىتقىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىمىز .
ئەگەر مۇشۇ توربەتكە CDN ئىقتدارنى قوشۇپ ، تور ئىقىمى كۆپ سەرىپ بولىدغان رەسىملەرنى مەزمۇن تارقىتىش تور بوشلۇقىغا چىقارغاندىن كىيىن مۇلازىمتردا ئىجرا قىلساق بۇ توربەتنىڭ تولۇق ئىچىلىپ بولىشى ئۈچۈن ئەڭ كۆپ دىگەندىمۇ 5 سىكۇنىت كىتىدۇ .
ھىساپتا بىز CDN ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ ئابونىتلارنىڭ توربەتتكى مەزمۇنلارنى يۈكلىشى ئۈچۈن كىتىدغان يولىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇق دىسەك بولىدۇ ، خۇددى توربەت مەزمۇنى ئىچىدكى رەسملەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىغا چىقتى دىيشكە بولىدۇ ، سۈرئەت ناھايىتى تېز ، ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىترىغا ئىلىپ كىلىدغان يۈك تەڭپۇڭلىقىنى كۆرنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتەلەيمىز .
ئەمدى بىز قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، بىلوگقا قانداق قىلىپ CDN ئىقتدارى قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەيلى !!!
نەتىجە : يۇقارقى رەسىمنىڭ كونا يىڭى ئادرستكى ئۇلانما سۈرئىتى مىسال قىلندى . رەسىمنىڭ كونا ئادىرسى : https://www.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Shift1.png رەسىمنىڭ يىڭى ئادىرىسى : https://www.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/03/Shift1.png ئۇلانما ھالىتدە قويمىدىم ، ئۆزىڭىز ئادرسنى كۆچۈرۈپ توركۆرگۈچتە ئىچىلىش سۈرئىتىنى سىناپ بىقىڭ ~ |
ئىقتىدار ئۇلاش ھەقىلىق قىلىپ سۆزلەندى ، ئەگەر قىزىقسىڭىز سىتىۋلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ .
ئورگان سالونىمىزدا تېخىمۇ ئەرزان باھادا سىتىۋلىپ كۆرەلەيسىز !
دەرسنى تەپسلىي كۆرگىنڭىزگە رەھمەت ، ئەگەر سىزگە ياردىمى تەگكەن بولسا دوستلىرڭىزغا ۋە چەمبىرەككە ھەمبەھىرلەپ قويشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ❤
تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا بىلىملىرىغا ئىگە بولماقچى بولسڭىز
بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىغا كلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن !!!
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش