pic

ۋوردپىرىس ھەققىدە

WordPress بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئوچۇق كودلۇق مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى (CMS) ھىساپلىنىدۇ ، پۈتۈن دۇنيادا ۋوردپىرىس ئارقلىق ياسلىپ چىققان توربەتلەر ئومۇمىي توربەتلەر سانىنىڭ 43% دىن ئاشىدۇ . PHP پروگرامما تىلى ۋە MySQL ساندان سىستېمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇ سىستېما، ئىشلەتكۈچىلەر چوڭقۇر تېخنىكىلىق بىلىمگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما ئاسانلا شەخسىي بلوگ، شىركەت توربېتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنى ھەتتا خەۋەر پورتالى قۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بېرىدۇ . 2003-يىلى قۇرۇلغان بۇ سىستېما ئەسلىدە پەقەت بلوگ سۇپىسى بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تولۇق مەنىدىكى تور بېكەت قۇرۇش قورالىغا ئايلاندى .

图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger

ۋوردپىرىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ ئوچۇق كودلۇق بولىشى . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساناقسىز پروگراممېر ۋە لايىھىلىگۈچىلەر بۇ سىستېمىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇپ ، ھەقسىز ۋە ھەقلىق بولغان نەچچە ئون مىڭلىغان ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىلارنى بارلىققا كەلتۈردى . شۇڭا، سىز بىر قۇر كود يازمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ باي بولغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تېزلا ئىنتايىن گۈزەل ۋە ئىقتىدارلىق تور بېكەت قۇرالايسىز.

ۋوردپىرىس بىكىتى قۇرۇش

بىز باۋتا مۇلازىمىتر باشقۇرۇش سېستىمىسى ئارقىلىق بۈگۈنكى ۋوردپىرىس قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز ، باۋتا ئارقىلىق بىرقانچە ئاددىي قەدەم بىلەنلا مۇھىت تەڭشەپ قاچىلاش مەشغۇلاتىنى تاماملىغىلى بولىدۇ .

1. مۇھىت تەييارلاش

ۋوردپىرىسنى قاچىلاشتىن بۇرۇن سىز مۇلازىمىترىڭىزدا زۆرۈر بولغان (LNMP ياكى LAMP) مۇھىتلارنى ئورنىتىشڭىز كىرەك ، تۆۋەندە تەۋسىيە قىلىنغان مۇھىت تەركىپلىرى بىلەن تونۇشىمىز :

  • PHP  –  ۋوردپىرىس ئېجرا تىلى
  • Nginx   –   يۇقىرى ئۈنۈملۈك http مۇلازىمىتىرى
  • MySQL  –  ۋوردپىرىس سانلىق مەلۇمات ئامبىرى
  • phpMyAdmin   –  ساندان باشقۇرۇش قورالى

2. ۋوردپىرىس قاچىلاش

2.1 ئورتاق توربەت قۇرۇش ئۇسۇلى

باۋتا توربەت قۇرۇش قىلىپى ئىچىدىن ” بىر كونۇپكىدا قاچىلاش ” نى بىسىپ  كىرىمىز ، ئۆزىمىزنىڭ تورنام ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىمىز .

图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger

ۋوردپىرىس قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن بىز دەسلەپكى تەڭشەش باسقۇچىغا كىلىمىز ، ئاندىن بايىقى ساندان ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ داۋاملاشتۇرىمىز .

图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger

كىيىنكى قەدەمدە بىز ۋوردپىرىس ئاساسسىي تەڭشەك ئۇچۇرلىرى ۋە باشقۇرغۇچى ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىمىز .

图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger

ئارقا سۇپا نورمال ئىچىلغان بولسا ۋوردپىرىس قاچىلاش تەرتىپى تاماملانغان بولىدۇ .

2.2 باۋتا WP-Tool ئارقىلىق قاچىلاش

بۇ خىل قاچىلاش ئۇسۇلى سىزنى ئەڭ ئاددىي تەرتىپ بىلەنلا بىكەت قۇرۇش ئۈنىمگە يەتكۈزىدۇ .

باۋتا يان تەرەپ باشقۇرۇش بۆلىكى ئىچىدىن WP-Tool نى تاللايمىز . ئاندىن تورنام ، توربەەت ئۇچۇرى ، باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى ، ساندان ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرىمىز ، مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك ھالدا بارىلىق قاچىلاش تەرىپلىرى يۈرگۈزۈلىدۇ .

图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگ توربىتى قۇرۇش-Bloger

سىز WP-Tool بۆلەكتىن ئۇدۇللا قىستۇرما ، ئۇسلۇب ۋە توربەت ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيسىز ھەم ئۆزگەرتەلەيسىز .

ۋوردپىرىس قاچىلاش خىزمىتى تاماملاندى !

بىكەت باشلىقى بولغان ساياھىتىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش4 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى 2 تال

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ