ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  ...

ئۇزۇن ۋاقىتلا ئۆتۈپ كەتتى ، سىلەر بىلەن دىدارلىشىپ بولالمىدىم ، خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى سالوندا يوللىندغان مەزمۇنلار ئازىيىپ كىتىپ بارىدۇ ، توغرا چۈشىنشڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~

بۈگۈن بىز ۋوردپىرىس توربىكىتىگە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش توغرىسدا ئاز تولا مۇلاھىزە ئىلىپ بارايلى ...

كۈندىلىك توربەت باشقۇرۇش ۋە سالون باشقۇرۇش خىزمىتدە بىز ئۈندىداردىن ئايرىلالمايمىز ، ھەم ئاساسەن ھەممىزنىڭ دىگىدەك ئابونتلىرىمىزنىڭ ھەممسى ئۈندىدار ئىچىدە ، ئابونىتلار توربىتمىزنى زىيارەت قىلغاندا ئاساسەن دىيەرلىك ئۈندىدار ئىچىدىلا ئىچىشقا ئادەتلەنگەن .

图片[1]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger

ۋوردپىرىس توربىكتىدە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا توربەتكە تېزىملىتىپ كىرىش ئۇسۇلى ئېلخەت ھىساباتى ئارقىلىق تېزملىتىشتىلا ئومۇملاشقان ، ئەلۋەتتە ھازىر ئاساسەن ھەممە ئادەمدە دىيەرلىك ئېلخەت ھىساباتى بار ، لىكىن بىزنىڭ رايونىمىزدا تامامەن ئومۇملىشىپ بولغىنى يوق ، شۇڭا بىز ئابونىتلارنىڭ توربەتكە ئاسان ، تېز ئۇسۇلدا تېزىملىتىپ كىرىشى ئۈچۈن ئۈندىدارنىڭ ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ .

ئۈندىدار ئەپ دىتالى ئىچىدە

دەلىللەنگەن ئۈندىدار سالونى (认证服务号) نىڭ توربەتكە ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارى بار ، شۇڭا بىز ئۈندىدار ئىچىدە توربىكتىمىزگە ئۈندىدار ئارقىلىق ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارىنى ئاچىمىز دەيدكەنمىز ، بىزدە ئەڭ ئاۋال دەلىللەنگەن ئۈندىدار سالونى (认证服务号) بار بولىشى كىرەك ، بولمىسا ئۈندىدار ئىچىدە ئابونىتنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىغا ئېرشەلمەيمىز .

 

كومپىيۇتىر تور كۆرگۈچ ئىچىدە

دەلىللەنگەن ئۈندىدار ئېچىۋىتلگەن سۇپىسى (微信开发平台) نىڭ توربەتكە ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتىدارى بار ، شۇڭا بىز كومپيۇتىر توركۆرگۈچ ئىچدە توربىكتىمىزگە ئۈندىدار ئارقىلىق ھوقۇق بىرىپ كىرىش ئىقتدارنى ئاچىمىز دەيدكەنمىز ، ئەڭ ئاۋال دەلىللەنگەن ئۈندىدار ئېچىۋىتلگەن سۇپىسى (微信开发平台) بار بولىشى كىرەك ، بولمىسا توربەت يۈزىدە تۇرۇپ ئابونىتنىڭ ئۈندىدار ئاساسىي ئۇچۇرىغا ئېرشەلمەيمىز .

دىققەت : ئىككىسى ئايرىم سۇپا بولغانلىقتىن ھەر بىرسدە ھاسىللىغان ئابونىتنىڭ openID لىرى ئوخشىمايدۇ ، ئەگەر ئوخشاش بىر ئابونىتنىڭ توربكتڭىزدە ئىككى خىل ھىسابات ئىچىشنى ئاۋارچلىق كۆرسڭىز ئۈندىدار ئىچۋىتلگەن سۇپىسىغا ئۆزىمىزنىڭ سالوننى چىتىپ قويىمىز ، ئاندىن كۆپ سۇپىلاردكى ئوخشاش بولغان ئابونىتنىڭ openID ۋە UnionID سى بىردەك ھاسىل بولىدۇ ،  شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلشمىز كىرەك .

图片[2]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger

ۋوردپىرىس كۆپ سۇپىلاردا تېز ئۇسۇلدا كىرىش قىستۇرمىسى --  Wechat Social login

ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن ئىسمنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ قاچىلايمىز ، ھەمدە قوزغىتىپ ئۆزىمىزگە لازىملىق تېز كىرىش ئۇسۇللىرنى ئىلتىماس قىلىپ ئىچىپ ماس كەلگەن ئۇچۇرلىرى تولدۇرۇپ قويساق بولىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger

بۇ قىستۇرما ئارقىلىق ۋوردپىرىس توربىكتىگە ئۈندىدار ، چ چ ، مىكرو بىلوگ ، دىڭ دىڭ قاتارلىق ئۈچىنجى تەرەپ سۇپىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كىرىش ئىقتىدارلىرىنى ئاچالايمىز . ئەلۋەتتە مەن ئالددا دەپ ئۆتكەندەك ئۈندىدار سالون ۋە ئىچىۋتىلگەن سۇپىڭىز بولسا بۇ قىستۇرما سىزگە بۇ يولنى بىراقلا ھەل قىلىپ ئىككى سۇپىدكى ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرەلەيدۇ .

图片[4]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger

توربىكتىڭىزدكى ئابونتلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشىدۇ ، توربەتكە كىرىش ئۈچۈن ئۇنچىلا كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلنمايدۇ ، پەقەت ئۈندىدار ئچىدە ئاددىيلا ھوقۇق بىرلسلا كۇپايە 图片[5]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger图片[5]-ۋوردپىرىسكە ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش ھەققىدە-Bloger

ئورگان توربكتىمىز تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن ۋوردپىرىس زىبىل ئۇسلۇبىدا يۇقارقى قسىتۇرمىغا قارىتا قوللنشچانلىق ھالەت كىرگۈزۈلگەن ، قىستۇرما ئۇچۇرىنى ئۇدۇللا ئىشلتەلەيدۇ ، ئارتۇقچە تەڭشەش ھاجەتسىز ، ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھدە كىرىش ئىقتدارنى ئىشلەتسڭىزمۇ بولىدۇ ، سىزدە پەقەت بىرلا دەلىللەنگەن سالون بولسا ، ئۈندىدار ئىچى ۋە توربەت يۈزىدە تۇرۇپ ئۈندىدار ئارقىلىق كىرىش مەشغۇلاتىنى قىلىپ پۈتكىزەلەيسىز !

ئاپتور : بىلوگىر

 

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش 0 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى ئىنكاس قالدۇرۇڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ

    ھازىرچە ئىنكاس يوق