كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

نەچچە كۈندىن بىرى ئويۇن توغۇرلىق گەپلەر خىلى بولۇندى ، بەلكىم قىزىل سىگىنال 2 ئويۇنى ھەممىزگە تونۇشلۇق بولسا كىرەك ، بۇ ئويۇن بارلىققا كىلىپ ھازىرغىچە 20 يىلچە بولۇپ قالدى ، 2-دۇنيا ئۇرىشى مەركەز قىلىنغان جەڭ قىلىش تۈرىدىكى بۇ ئويۇننى ھەممىز ياقتۇرىمىز .

图片[1]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

ئويۇننىڭ دەسلەپكى ۋەقەلىكى : 

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئېينىشتىيىن ۋاقىت ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىدۇ، ئۇ ئۇرۇش پاجىئەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كەشپىياتىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى گىتلېرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. بۇ ھەرىكەت گېرمانىيەنىڭ ناتسىستلار يولىغا مېڭىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە زورايغان. ئۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ساقلىنىپ قالالمىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغىدى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىتتىپاقداش ئارمىيە تەشكىللەپ ئۇلار بىلەن قارشىلاشتى.

بۈگۈن بۇ ئويۇننىڭ بىرنەچچە نەشىرى ۋە خەرىتە ياساش دىتالىنى ئىلىپ كەلدىم ، ئامراق بولساڭلا چۈشىرىۋىلىپ ساقلاپ قويساڭلار بولىدۇ .

يۇرىنىڭ قىساس ئىلىشى 

图片[2]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

قىزىل سىگىنال 2 ئويۇننىڭ يەنە بىر تۈرى ، يۇرىنىڭ قىساس ئىلىشى . بۇ نەشىرىدە سىز باشقا نەشىردە يوق يۇرى دۆلتىنى تاللاپ ئوينيالايسىز ، باشقا نەشىرگە قارىغاندا قوللنشچانلىقى يۇقىرى ، ھەم كومپيۇتىر بىلەن ئالاھىدە جەڭ قىلىش ۋە مۇداپىئە قلىش خەرىتىلىرنمۇ ئىجرا قىلىپ ئوينيالايسىز ، ھەم مەن چۈشىرىپ توپلاپ قويغان +500 دىن ئارتۇق خەرىتلەر توپلىمى بار ، سىزنىڭ خالىغانچە ئوينىشڭىزغا يىتىدۇ ، ئەلۋەتتە دوستلىرڭىز بىلەن تار دائىرلىك توردا (بىر ئۆينىڭ تورى دىمەكچىدە ...) تۇرۇپ ئىككى كومپيۇترنى ئۇلاپ ئوينىيالايسىز ...

جۇڭگۇنىڭ باش كۆتۈرىشى 

图片[3]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

قىزىل سىگنال 2 دەسلەپ چىققاندا بۇ ئويۇندا جۇڭگۇ يوق ئىدى ، كىيىن بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەر پىروگىراممىرلىرىمىز بۇ ئويۇننى ياقتۇرغانلىقتىن بۇ ئويۇن ئىچىگە دۆلىتمىزنى كىرگۈزگەن ، ئويۇن ئىچىدە دۆلىتمىزنى تاللىغاندا سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ئىتتپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرقىسىم يۇقىرى دەرجىلىك ئەسكەرلىرى ، تانكىلىرى ۋە ئىمارەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىرالايدۇ ، ئويۇننىڭ بۇ نەشىردە جۇڭگۇ ھەممىدىن يامان !!

ئەلۋەتتە ئويناپ سىناپ باقسڭىز ئاندىن ھىس قىلالايسىز ~~

خەرىتە ياسىغۇچ

图片[4]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

بۇ بىر خەرىتە ياسىغۇچ ، سىز بۇنىڭدا ھەرقانداق بىرلىك ، ۋە قۇرلۇش قۇرۇپ چىقالايسىز ، مەيلى دىڭىز ئوكيان قۇرامسىز ، ۋە ياكى قۇملۇق چۆل جەزىرە خەرىتىسى قۇرامسىز ، ھەرقانداق يەر شەكلىنى قىلغىلى بولىدۇ ، پەقەت مۇشۇ قىزىل سىگنال ئويۇنى ئىچدىكى نەرسىلا بولۇپ قالسا چىكىت پەشلىردىن تارتىپ ھەرقانداق شەكلدە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ھالەتتە ياساپ چىقالايسىز ~ (ئەلۋەتتە بۇنىڭغىمۇ پىلانلاش ۋە تاكتىكا كىتدۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرىغا باغلىق) .

سول تەرەپتىكىسى بارلىق بىرلىكلەرنىڭ تۈرلىرى ، ئىچىپ بىردىن بىسىپ قۇرۇپ كۆرۈپ باقسڭىز بولىدۇ ، چوقۇم سىز تىخچە كورۈپمۇ باقمىغان ئاجايىپ غەيرى كۈچكە ئىگە نەرسلەر بار ~~~

چىدىماسلار قورالى 

ئاخىردا يەنە سىزگە ئاتاپ ئويۇننىڭ ئۆزگەرتكۈچىنىمۇ تەڭ ئىلىپ كەلدىم ~~

تاياق يەپ كىتىپ ئۇتىرشڭىزغا ئازلا قالغاندا ، بىركونۇپكا بىلەن ئۇيۇندا ئۇتۇپ چىقالايسىز ... مۇشۇ ئىقتدار بوغانكەن قاغانلىرمۇ ھەقچان با دەپ بىلدڭىز ھە ~~

图片[5]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

ئاخىرقى سۆز : بۇ ئويۇنغا ئۆزۈممۇ ئامراق بولغاچقا شۇڭا بۇرۇنلا پاكىز نەشىرنى ساقلاپ قويغان ، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرمنىڭ ھەممىسى بار ،  ھازىر بۇرۇنقى پاكىز نەشىرلىرنى ئاسان تاپقلى بولمايدۇ ، شۇنچىلا كۆپ ماتىريال ساقلغنىم ئۈچۈن لايىقدا باھا قويۇپ قويدۇم ، ياقتۇرسڭىز ساقلىۋىلىڭ .

图片[6]-كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger

كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2-Bloger
كىلاسسىك ئويۇن : قىزىل سىگىنال 2
此内容为付费资源,请付费后查看
3
付费资源
已售 4
© 版权声明
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞1 分享
مۇنازىرە رايونى 共6条

请登录后发表评论

      • 的头像-Bloger21℃0