بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

يىقىندا ئۆيدە ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئۆزەم بىر قىستۇرما ياساپ چىقىشنى قارار قىپ قالدىم ، لىكىن شۇ .... قانداق بىر قستۇرما ياسايمەن ؟ ئىقتىدارى قانداق بولىدۇ ؟ قانداق ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ ؟ بۇلارنىڭ ئىچدە ئۆزەممۇ ئىنىق بىر قارار چىقىرالماي تۇرغىنمدا توربەتنى ئىچپ قارىسام خىلى كۆپ ئىنكاسلار تىزىلىپ كىتىپتۇ .

شۇ ئەسنادا كاللامغا مۇشۇ ئىنكاسنى ۋاقتىدا ماڭا ئەسكەرتىدغان قسىتۇرما بولسىچۇ دەپ ئويلاپ مەزكۇر قىستۇرمىنى يىزىپ چىقتىم .

图片[1]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

قستۇرما ئىسمى --- بىلوگىر ئەسكەرتكۈچى [ Shiftt Notify ]

قىستۇرما ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى :

ئۈندىدار دەلىللەنگەن سالون ئاساسىدا تۇرۇپ توربەتتىكى يىڭى ئىنكاسلارنى سالون ئۇقتۇرۇشى ئىقتىدارى ئارقلىق ئاپتورغا يوللاش .

ئەلۋەتتە ، بۇ قىستۇرما ئارقلىق سىز توربىكتىڭىزدىكى ئەڭ يىڭى ئىنكاسلاردىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز .

图片[2]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

ئاساسىي تەڭشەك 

图片[3]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

ئاخىرقى ئۈنۈم 

قىستۇرما ئىشلىتىش ئۇسۇلى 

ئالدى بىلەن قىستۇرمىنى ئۆزىمىزنىڭ ۋوردپىرىس بىكتىگە قاچىلاپ قوزغىتىمىز ، ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسى قىستۇرما بازىرى ئىچىدە Shiftt, Shift, Uyghur, salon, notify, moban قاتارلىق خەتكۈچلەرنى يىزىش ئارقلىق يۇقارقى قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپالايسىز ، ئۇدۇللا قاچىلاپ قوزغاتسىڭىز بولىدۇ .

图片[4]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

قىستۇرما قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ۋوردپىرىس ئارقا سۇپىسىنىڭ قوراللار بۆلىكى ئىچىگە قارىساق ئەسكەرتكۈچى تەڭشەك رايوننى بايقايمىز . چىكىپ كىرىپ تەڭشەش ئىلىپ بارىمىز .

图片[5]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

باشتا سالون ئارقا سۇپىسى تەڭشىكى ئىچىدىن سالوننڭ  AppID ۋە APPsecret نۇمىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ تەڭشەك رايوننىڭ ئۇدۇل كەلگەن ئورنىغا يازىمىز .

图片[6]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

ئاندىن سالوننىڭ ئەزا باشقۇرۇش بۆلىكىدە تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئۈنىدىدار ئىسمىنى ئىزدەپ تاپىمىز ، ئىسمىمىزنى تىپپ مائۇس ئوڭ كونۇپكىسنى بىسىپ 检查 نى باسقاندىن كىيىن يان تەرەپ كود ئىچىدكى data-fakeid ئىچىدكى ئۆزىمىزنىڭ ID نۇمىرىنى ئىلىۋالىمىز ، بۈ بىزنىڭ مۇشۇ سالوندىكى OpenID رىمىز ھىساپلىنىدۇ .

ئاخىرىدا سالوننىڭ 模板消息 ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى ئىچىدىن ئۆزىمىز بىرنى قۇرۇپ چىقىمىز .

بۇيەردە ئاۋال تۈر قوششىمىزغا توغرا كىلىدۇ ، ئاۋال IT科技 تۈرى ئىچدكى IT软件与服务 نى تاللايمىز .

ئاندىن 模板库 ئۇچۇر ئامبىرى ئىچىدىن  用户咨询通知  نى ئىزدەپ تاپىمىز .

图片[7]-بىلوگىر ئۈندىدار ئەسكەرتىش قىستۇرمىسى بارلىققا كەلدى !-Shift Bloger

مۇشۇ ئۇچۇر يوللاش قىلىپىنى تاللاپ قوشساقلا بولىدۇ ، ئاندىن سالوندىن ھاسىللاپ بەرگەن 模板ID نى كۆچۈرۈپ تەڭشەك رايونى ئىچىدكى TemplateID ئورنىغا قويىمىز ، ئاندىن بارىلىق تەڭشەك تاماملانغان بولىدۇ ، ئاستىدكى ساقلاش كونۇپكىسنى بىسىپ ساقلىۋەتسەكلا بولىدۇ .

تەڭشەكلەرنىڭ ھەممىسى نورمال بولغاندىن كيىن ، بىلوگىمىزغا يوللانغان ھەرقانداق ئىنكاس بىزگە سالون ئىچىدە ئۇچۇر ئارقىلىق كىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇچۇرنى باسقاندىن كىيىن ئۇدۇل شۇ ئىنكاس يىزىلغان بەتتكى ئىنكاس ئورنىغا ئاتلايدۇ 

فىلىملىك تەڭشەش دەرىسلىكى

ئىچىۋىتىلگەن قىستۇرما چۈشىرىش ئادىرىسى

Gitte : https://gitee.com/Shift-Bloger/shiftt-notify

​WordPress : https://cn.wordpress.org/plugins/shiftt-notify/

ئاپتور : بىلوگىر

قىستۇرمىنىڭ دەسلەپكى نەشىرى بولغاچ بەك كۆپ ئىقتىدارلارمۇ يوق ، مۇشۇ ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، بۇندىن كىيىن يەنە تېخىمۇ ئۆزگىچە بولغان ئىقتدارلارنى قوشۇپ تورداشلارنىڭ ئىشلتىشگە سۇنماقچىمەن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قوللىشنى ئۈمۈد قىلىمەن !
© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي2تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ