ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا

خەيرىلىك كەچ تورداشلار   ~

خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن سالون ۋە بىلوگ يازمىلىرى يىڭلىنىشى ناھايىتى ئاستا بولۇپ قالدى ، ھەممىڭلارنىڭ توغرا چۈشنىشنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~

ئاساسلىق تىمىغا كىلەيلى ، بۈگۈن ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز ، مەن ئۆزۈمنىڭ توربىتىگە ئىشلەتكەن بىرقانچە خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتۈشنى قارار قىلدىم .

图片[1]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Shift Bloger

باشتا ئۆزۈمنىڭ كۆز قارشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي :

ئارىمىزدا ھەقىقەتەن ئۆز ئىجادچانلىقىغا تاينىپ دەرسلىكلەرنى ۋە تور تېخنىكلىرنى ئىشلەپ ھەقسىز ۋە ھەقلىق قىلىپ تارقىتىدغان دوستلار بار ، ئۇلارمۇ ئۆزنىڭ بىلىملىرىنى ھەمبەھىرلەش ئارقلىق ئازتولا ئىقتسادى كىرىم مەنبەسى يارتىشنى ئويلايدۇ .

لىكىن يەنە بەزى ئىنسانلار بار ، ئۇلار مەخسۇس باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى تېخنىكا ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئوغۇرلاپ ياكى بىر قىتىم سىتۋىلىپ ئۆزى ئالدىغا تۆكمە قىلىپ ساتىدغانلار ، مىنىڭچە بۇلارنىڭ  *** سىدە چوڭ مەسلە بار .

ھىلىمۇ يادىمدا ، تۇنجى قىتىم بىلوگ يازمىسى يازغىنمدىمۇ ، مەن توربەتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتنى قىلمىغاچقا ئۇدۇللا باشقىلار تەرپىدىن شۇ پىتى كۆچۈرۈلۈپ كىتپ ئۆزنىڭ سالونىغا ئىجادىي يازما قىلىپ يوللىۋالغان .

شۇندىن كىيىن مەن ئۆزۈمنىڭ توربىكتنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى خىلى كۆپ ئۇسۇللار ئارقلىق قوغدايدغان بولدۇم ...

ئاۋال ۋوردپىرىس قىستۇرمىسنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، بۇ قىستۇرما ئارقلىق توربەتنىڭ ئاساسىي قوغداش خىزمىتنى تاماملىغىلى بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ئاساسلىقى باشقۇرغۇچى ۋە ئادەتتكى ئەزالارنى پەرىقلەندۇرۇش ئىقتىدارى ماڭا بەكلا يارايدۇ .

قىستۇرما ئىسمى --- WPCopyRights

图片[2]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Shift Bloger

ئەلۋەتتە ، سىز توردىن ئۇدۇللا ئىزدنىپ توربەتنىڭ ئەسلى كودى رامكىسى ، باشقۇرۇش تاختىسنى كۆرسىتشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى توربەتنىڭ ئاساسلىق يۈكلىنىدغان كودى ئىچىگە يىزىپ قويسڭىزمۇ بولىدۇ ، لىكىن بۇنىڭ بىر پاسسىپ تەسىرى بار ( بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىز توربەتنىڭ كودنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئوڭشايدغان ياكى كىلىپ چىققان كاشىللىرنى كۆرمەكچى بولغاندا ، سىزنىڭ كۆرۈش ھوقۇقىڭىزنىمۇ چەكلەيدۇ ) ، مەزكۇر قىستۇرمىدا مۇشۇ مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھالەتتە ھەل قىلغان ، يەنە كىلىپ قايسى قايسى ئىقتىدارلارنى ئىچىپ تاقاش ، يەنە قايسى قايسى بەت ۋە يازما بەتلىرىدىكى ھوقۇقنى ئىچۋىتىش قاتارلىقلارنىمۇ  ناھايىتى ئاسان ئۇسۇلدا كونتىرول قىلىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا-Shift Bloger

يۇقارقىسى مىنىڭ توربىتكتىمنىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك تەڭشىكى ، كۆرۈپ ئۈلگە قىلغان ئاساستا ئۆزۈڭلارنىڭ توربىكتىگە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ .

كەمچىلىكى : توربەتنىڭ ئەسلى كود ئاساسىي باشقۇرۇش تاختىسنى قوغداش ، F12 كونۇپكىسنى چەكلەش ئىقتىدارىدا كەمچىلىك بار ، (مەن ئشلەتكەندە ئوخىشاش ئىشلىمىدى ) .

ئەلۋەتتە ، ئەڭ ئاۋال بۇ كەمچىلىكنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ تىپشىمىز كىرەك .

قسىتۇرما كودى ئىچىدكى ئاساسىي ھۆجەتنىڭ مۇناسىپ ئورنىدكى كودلىرىنى ئۆزگەرتىپ قويساقلا بولىدۇ .

بىلوگ ئاساسىي مۇندەرىجىسى  >>   wp-content/plugins/wpcopyright/index.php   << ھۆججىتنىڭ 109- قۇر ئەتراپىدا .

مەسلە : توركۆرگۈچنىڭ كەڭلىك ۋە ئىگىزلىكنى ھىساپلاش فونىكىسيسىدا خاتالىق يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇدۇللا بۇ ئىقتىدار ئىشلمەي قويغان ، تۆۋەندە بىز بۇ كودنى ئۆزگەرتىپ ئۆلچەپ ئوتتامايلا F12 نى باسقان ھامان ئىنكاس قايتۇردغان ھالەتكە ئەكىلەيلى ..

<script type='text/javascript'>
//禁用开发者工具F12
document.onkeydown = function () {
if (window.event && window.event.keyCode == 123) {
event.preventDefault(); // 阻止默认事件行为
window.event.returnValue = false; return false;
} };
</script>

ئەسلىدىكى JavaScript كودنى يۇيۋىتىپ يىڭى كودنى يازىسىز ، مەسلە مۇشنىڭ بىلەن ھەل بولىدى .

توربەت يۈزىدە ئۆزىڭىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيتىدە ۋە ئادەتتكى ئەزا سالاھىيتدە ئوخشمغان ھالەتتە تۇرۇپ سىناش ئارقلىق كودنىڭ ئۈنۈمنى كۆرەلەيسىز .

ئەسلى يۇقارقى ئورۇننى ھەقلىق يازما قىلىپ يازماقچى ئىدىم ، لىكىن يەنىلا ھەقسىز پىتى قالدۇردۇم ، ھەممە دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر قىتىم قول سىلىپ ئىزدنىپ بىقىشنى ئويلاپ ئاخىرقى مەزمۇنلىرمنى ساقلاپ قويدۇم .

ئەگەر سىزنىڭ توربەت بىخەتەرلىكىگە بولغان كۆز قارشىڭىز يۇقىرى بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولسڭىز ، قوللىرىڭىزنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ئىزدنىپ تېخىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتى تاماملىشڭىزغا تىلەكداشمەن .

ئەلۋەتتە ، دۇنيادا مۇكەممەل بىخەتەر سېستىما بولمايدۇ ، بىراق يۇقارقى دەرسلىك بويىچە سىز كۆپلىگەن كۆچۈرمىكەشلەر ۋە **** لارنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن خالاس بولىسىز .

خۇلاسە : بۈگۈنكى قىستۇرمىنىڭ مەسىلىسى JavaScript كودى ئارقىلىق ھەل قلىندى ، ئاۋال توربىكتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكنى سىناپ بىقىپ بىرە مەسىلىنى بايقايسىز ،ئەقىللىق بولغان سىز بۇيەرگە يەنە JavaScript  كودى يىزىپ ئۆزىڭزنىڭ ئويلىغانلىرنى ئىشقا ئاشۇرشنى ئويلايسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئىزدىنشكە كىرشىپ كىتىسىز ...

بىلوگىمغا كىلىپ ئىنكاس قالدۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن ~~

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي3تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ

    • BILBILIK的头像-Shift Bloger
      新疆吐鲁番市 电信
      0
    • BILBILIK的头像-Shift Bloger
      新疆吐鲁番市 电信
      0
      • 的头像-Shift Bloger
        بىلوگىرئاپتور
        新疆巴音郭楞州 移动
        0