ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

توربىكتىمىزدىكى رەسىملەر بەتنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە ئۇدۇل تەسىر يەتكۈزىدۇ ، رەسىملەر چوڭ بولغانسىرى مۇلازىمىترغا كەلگەن بىسىممۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ .

توربىكەت سۈرئىتىمىزنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن بىز چوقۇم بىر رەسىم سىغىمىنى كىچىكلىتىدغان ئامالغا ئىھتياجلىق بولىمىز ، بۇ ئىقتدارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكى قىستۇرمىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

图片[1]-ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى-Bloger

ۋوردپىرىس قسىتۇرمىسى  --  reSmush.it Image Optimizer

بۇ قىستۇرمىنى ئۇدۇللا ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز ، قىستۇرما ئىسمىنى ئىزدىتىپ قاچىلاپ قوزغاتىسڭىزلا بولىدۇ .

图片[2]-ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى-Bloger

قسىتۇرمىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىزنىڭ ۋوردپىرىس ئارقا سۇپا كۆزنىكمىزنىڭ ، مىدىيا بۆلىكى ئىچىدە مەزكۇر قىستۇرمىنىڭ تەڭشەش بۆلەكلىرى ھاسىل بولىدۇ ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەڭشەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ .

图片[3]-ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى-Bloger

تەڭشەك تۈرى ئىچىدىن بىز ئۆزىمىزگە ماس كىلىدغان تۈرلەرنى ئىچىپ تەڭشەش قىلساق بولىدۇ ، رەسىم سۈپىتىنى پۈتۈن بىكەتتكى چىقارغان رەسىملەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن تەڭشسڭىز بولىدۇ .

图片[4]-ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى-Bloger

مەزكۇر قسىتۇرما ھەقسىز رەسىم قىسش Api ئىغىز يولى ئارقىلىق رەسىملەرنى قىسىش بۇيرۇقى ئىلىپ بارىدۇ ، ھازىر بۇ قىستۇرما PNG , JPG , GIF فورماتىدكى رەسىملەرنى قوللايدۇ ، رەسىم چوڭلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا 5Mb بولسا بولىدۇ ، رەسىمنىڭ سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ .

مەزكۇر قىستۇرما دۆلەت سىرتىدكى ئىغىز يولىنى ئىشلىتىدۇ ، ئۈنىمى ئادەتتىكچە ، لىكىن يەنىلا ئىشلتشىمىزگە ئەرزيدۇ ، شۇڭا تورداشلارغا تەۋسيە قىلدىم .

ئاپتور : بىلوگىر

© 版权声明
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞0 分享
مۇنازىرە رايونى 抢沙发

请登录后发表评论

    暂无评论内容