رەسىم سۈپىتىنى تەڭشەپ ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  ...

      مۇنبەرگە ۋە سالونغا مەزمۇن يولانمىغىلىمۇ خىلى كۈنلە بولۇپ قالدى ، ئاساسلىقى خىزمەت ۋە ئورگان توربىكتىمىزنىڭ ئەپچاق ئىشىلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم ، ۋوردپىرىس ھەققىدكى تېخنىكا ۋە ئوي پىكىرلىرىڭىز بولسا ھەر ۋاقىت مۇنبىرىمىز تەكلىپ پىكىر بىتىدە ئىچىدە ئالاقىلاشساق بولىدۇ ~~

      گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك ، بەزى تورداشلارنىڭ قۇرغان بىلوگىنىڭ توربەت ئىچىلىش سۈرئىتى يەنىلا تېز ئەمەسلىكىنى بايقىدىم ، باشبەت ئىچىلىش سۈرئىتى 5~10 سىكۇنىتقىچە ، بەزىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئاشىدۇ ، گەرچە بىز ئىشلەتكەن  ئۇسلۇبلار بىزگە ئەڭ يۇقىرى دەرجىدە قولايلىق بولغان تەڭشەكلەرنى ھاسىللاپ بەرگەن بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا مۇلازىمىترنىڭ سەپلىمسى ۋە تور سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقى ۋە ياكى باشقا ئامىللار سەۋەبلىك توربەتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن .

     بىز مەزمۇن تەييارلىغاندا كۆپىنچە  رەسىم ۋە ئىپادە قاتارلىق ئىلمېنتلار ئارقىلىق مەزمۇنىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىمىز ، لىكىن ، بىز ئىشلەتكەن رەسىملەرنىڭ سىغىمى توربىكتىمىزنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

شۇڭا بىز مەزمۇن تەييارلىغان ۋاقتىمىزدا مەزمۇن لاھىيەسىگە رەتلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئاساستا رەسىملەرنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىپ توربىكتىمىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرساق بولىدۇ .

图片[1]-رەسىم سۈپىتىنى تەڭشەپ ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش-Bloger

رەسىم سىغىمىنى كىچىكلىتىپ توربەت سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ 4 خىل ئۇسۇلى

 

1. رەسىمنىڭ سىغىمىنى يەرلىكتە كىچىكلىتىپ بولۇپ ئاندىن توربىكەتكە چىقىرىش

 

     بىز رەسىمنى توربىكتىمىزگە چىقىرىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋال يەرلىكتە تۇرۇپ سىغىمىنى كىچىكلىتىپ ئاندىن يوللىساق بولىدۇ .

رەسىملەرنى لاھىيلىگەندە ئاساسەن نورمال دەرىجىدكى سىغىمنى تاللىساق بولىدۇ ، چۈنكى رەسىمنىڭ ھەجىمى ئۇدۇل سىزنىڭ مۇلازمىترڭىزنىڭ يۈكىگە ئايلىنىدۇ ، توربەت ئىچىلغاندا مۇلازمىتر بۇ رەسىمنى يۈكلەش ئۈچۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ ، بىز مۇشۇ ۋاقىتنى ئۇتالىساق ئاندىن ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق ئىلىپ كىلەلەيمىز .

ئەگەر يەرلىكتە رەسىمنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىپ يوللاپ بولغىدەك ۋاقتىم يوق دىسىڭىز ۋوردپىرىس ھەقسىز رەسىم قىسىش قىستۇرمىسى ئىشلىتىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

 

2. مۇۋاپىق كەلگەن فورماتتىكى رەسىملەرنى تاللاش

 

      تور دۇنياسىدىكى رەسىملەر ئاساسەن تۆت خىل ھۆججەت  فورماتىغا بۆلىنىدۇ :

PNG -- بۇ فورماتتىكى رەسىم ئاساسەن ھىچقانداق قىسىلىشقا ۋە ياكى ھەجىمنى كىچىكلىتىشكە ئۇچرىمىغان بولىدۇ ، شۇڭا بۇ خىل فورماتتىكى رەسىملەرنىڭ سۈپىتى ناھايىتى يۇقىرى ھەم سۈزۈك بولىدۇ .

JPEG -- بۇ فورماتتىكى رەسىملەرنىڭ سۈپىتى ھەرۋاقىت PNG فورماتىدكى رەسىملەردىن تۆۋەن بولىدۇ ، قىسىلغان تىپتىكلىرنىڭ ھەجىمى تېخىمۇ كىچىك .

GIF -- بۇ فورماتتىكى رەسىملەر ھىچقانداق قىسىش بۇيرۇقى بولمىغان ئەھۋال ئاسىدا ساقلىنىدۇ ، ئۇ ھەجىمى كىچىك بولغان ھەركەتچان رەسىملەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ .

WebP -- بۇ بىرقەدەر يىڭىچە بولغان فورماتتكى رەسىم تۈرى ، بۇ قىسلىشقا ئۇچىرغان ۋە ياكى ئۇچىرمىغان رەسىملەرنى ئىشلتەلەيدۇ ، سىغىمى يۇقارقى رەسىملەردىن خىلىلا تۆۋەن تۇرىدۇ .

 

WebP فورماتىدكى رەسىملەر كىچىك ئەلۋەتتە ھەممىزنىڭ ئالدىنقى تاللشى بولالايدۇ ، لىكىن ھەممە تور كۆرگۈچلەر قوللاپ كەتمەيدۇ .

GIF فورماتىدكى رەسىملەر ئاساسەن يۇمىرستىك ۋە ياكى ئەسكەرتمە ئۇچۇر قاتارلىق تۈسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، لىكىن ھەركەتچان رەسىم ھەرۋاقىت سىزنىڭ توربىكەت سۈرئىتڭىزگە چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ ،

PNG  ۋە JPEG فورماتىدكى رەسىملەر ھازىر ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان فورماتلار ، بۇلارنىڭ سىغىمىنى كونتىرول قىلغان ئاساستا ئىشلتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .

 

3. ۋوردپىرىس كىچىكتۈرۈپ يۈكلەش ئىقتىدارى 

 

         كىچىكتۈرۈپ  يۈكلەش دىگەننى ئاۋال بىر ئومۇملاشتۇرۋىتەيلى :

مەسىلەن مەن بىر 3 بەت كىلىدغان مەزمۇن تەييارلىدىم ، بۇ مەزمۇننىڭ ھەر بىر بىتىدە 2 پارچىدىن رەسىم بار دەپ تۇرايلى ، توربىكتىمىز بۇ مەزمۇن بىتىنى يۈكلىگەندە ئىچىدە 6 پارچە رەسىم بولىدۇ ، بۇنىڭ ھەممىسنى يۈكلەپ بولۇپ ئاندىن بەتنى ئىچىپ بەرسە بۇنىڭغا سەل ئۇزۇن ۋاقىت سەرىپ بوپ قالىدۇ ، شۇڭا ئەڭ ئاۋال ئوقۇرمەنگە 1-بەتتكى 2 پارچە رەسىمنى يۈكلەپلا توربەتنى ئاچىدۇ ، ئوقۇرمەن ئاستىغا سىيرىپ رەسىم ئورنىغا كىلەي دىگەندە 3- پارچە رەسىمنى يۈكلەيدۇ ئاندىن يەنە ئاستىغا سىيرىغاندا قالغان رەسىملەرنى يۈكلەيدۇ دىگەندەك ، بۇ ئارقىلىق توربەتنىڭ ئىچىلىش سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈش مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز .

ئاساسلىق ئىقتىدارى مۇشۇ .

图片[2]-رەسىم سۈپىتىنى تەڭشەپ ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش-Bloger

بۇنى ھازىر ئاساسەن قىستۇرمىلار ئارقىلىق ۋە ياكى ئۇسلۇب ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ ، مۇنبىرىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان  زىبىل ئۇسلۇبىنىڭ كىچكتۈرۈپ يۈكلەش ئىقتىدارى بار ، بۇ ئارقلىق توربىكەت ئىچلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .

 

4. توربىكەتكە CDN ئىقتدارى قوشۇش ئارقلىق رەسىملەرنىڭ يۈكلىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش

 

      CDNنىڭ تولۇق ئاتىلىشى Content Delivery Network يەنى مەزمۇن تارقىتىش تورى. CDN بولسا ھازىرقى تور ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەۋھۇم تور، ھەر قايسى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يان مۇلازىمېتىرغا تايىنىپ، مەركىزىي سۇپىنىڭ يۈك تەڭپۇڭلۇقى، مەزمۇن تارقىتىش، تەڭشەش قاتارلىق ئىقتىدار مودۇلى ئارقىلىق، ئابونتلارنى يېقىن ئەتراپتا ئېھتىياجلىق بولغان مەزمۇنلارغا ئېرىشتۈرۈپ، تور توسۇلۇشنى تۆۋەنلىتىپ، ئابونتلارنىڭ زىيارەت قىلىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە نىشانغا تېگىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. CDN نىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىدىن ئاساسلىقى مەزمۇن ساقلاش ۋە تارقىتىش تېخنىكىسى بار.

ھىساپتا بىز CDN ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ ئابونىتلارنىڭ توربەتتكى مەزمۇنلارنى يۈكلىشى ئۈچۈن كىتىدغان يولىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۇق دىسەك بولىدۇ ، خۇددى توربەت مەزمۇنى ئىچىدكى رەسملەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىغا چىقتى دىيشكە بولىدۇ ، سۈرئەت ناھايىتى تېز ، ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىترىغا ئىلىپ كىلىدغان يۈك تەڭپۇڭلىقىنى كۆرنەرلىك ھالدا تۆۋەنلىتەلەيمىز .

بۇ ھەقتە بۇرۇن مۇنبىرمىزدە توختىلىپ ئۆتكەن ئۇدۇل شۇ مەزمۇننى كۆرسڭىز بولىدۇ .

ۋوردپىرىس بىلوگىغا CDN ئۇلاش دەرىسلىكى-Bloger

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ، توربىكەتتىكى رەسىملەر بولسا توربەت يۈزىدىكى ئەڭ مۇھىم  ئىىلمېنتلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ ، ئەمما بۇ ھەرۋاقىت توربىكەت سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ توربىكەتكە بولغان تەسىراتىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ .

يۇقىردىكى ئۇسۇللارنىڭ سىزگە ياردىمى تىگشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ~~

ئاپتور : بىلوگىر

© 版权声明
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
点赞0 分享
مۇنازىرە رايونى 共3条

请登录后发表评论