توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش

خەيرىلىك كەچ تورداشلار  ...

ئاۋال ھەممىڭلاردىن تىنىچ ئامانلىق سورىۋالاي ، ھەممىڭلار ياخشىموووو ~~

بىر مەزگىل داۋاملاشقان ئالدراشلىق ئەمدىلەتىن ئاياغلاشتى ، شۇڭا توربەت ۋە سالونغا يازما يوللاشقا ئەمدى تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتىمەن .

ئالدىنقى بىر مەزگىللەردە بىكتىمدىكى Cnzz زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكا كودى نورمال ئىدى ، يىقىندا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كۆرىنىپ تۇرىدىغان سىتاستىكا ئۇچۇرى ئازلاپ قالدى ، يەنە ئالاھەزەل بىر ھەپتە ئىچىدىلا پەقەتلا كۆرۈنمەس بولدى ، بۇنىڭغا ھەپلشىپ ھەل قىلۋىلىش ئۈچۈن ئورگان تورىغا قاراپ باقسام پۈتۈنلەي ھەقلىق قىلىۋىتپتۇ !! كاساپەت ، شۇ باش قىتنچىلقتا ئەمدە باشقا بىر سۇپىلارغا قاراپ بىقىپ ئورۇننى تولدۇرماقچى بولدۇم .

图片[1]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

دۆلىتمىزدىكى داڭلىق زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكا سۇپىلىرى كۆپ مەسلەن : Baidu , Cnzz , 51La قاتارلىقلار ... بىز بۇلاردىن ئۆزىمىز ياقتۇرغاننى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ .

بۈگۈن مەن 51La زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكىلاش سۇپىسنىڭ كودنى ۋوردپىرىس توربىكتى ئىچىگە ئۆزلەشتۈرۈش دەرىسلكىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن 图片[2]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger图片[2]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger .

ھىسابات ئېلتىماس قىلىش

ئەڭ ئاۋال 51La ئورگان توربىكتىدە بىرتال ھىسابات نۇمىرى ئىلتىماس قىلىمىز . ئورگان توربىكتى ئادىرىسى : https://www.51.la

ئورگان تورىدا ھىسابات نۇمىرى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەزالار مەركىزى ئىچىدىن V6 نەشىردىكى سىتاستىكا قورالىنى تاللاپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز .

图片[4]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

توربىكەت قوشۇش ۋە قاچىلاش

قورال بىتى ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن بۇيەردە ئاۋال ئۆزىمىزنىڭ توربىكتىنى قوشىمىز ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىنكى بۇرجەكتىكى 添加应用+ دىگەن كونۇپكىنى بىسىپ توربىكتمىزنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرۇشقا باشلىساق بولىدۇ .

图片[5]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

图片[6]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

بىرنجى قۇردا قۇرغان توربىكتىمىز ئىسمىنى تولدۇرۇپ قويساق بولىدۇ .

ئىككىنجى قۇر توربىكتىمىز تورنامى (چوقۇم توغرا بولغان ئادىرىسنى تولدۇرۇڭ).

ئەڭ ئاستىدا توربىكتىمىز ماس كەلگەن تۈرنى تولدۇرۇپ قويساق بولىدۇ .

ئاندىن بىز ئۆزىمىزنىڭ توربىكتىگە ماس كىلىدغان سىتاستىكا ئۇچۇرى كودىغا ئىرىشمىز . ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجەكتىن كودنى كۆچىرۋالساق بولىدۇ .

图片[7]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

كودنى توربىكتمىز ئۇسلۇبىنىڭ باش بۆلىكدە يۈكلىندغان ئورنىغا ۋە ياكى ئاياغ بۆلىكىدكى يۈكلىندغان ئورنىغا قويۇپ قويساق بولىدۇ .

ئەگەر توربىكتڭىز ئۇسلۇبىنىڭ بۇ خىلدكى ئىقتىدارى بولمىسا ، ۋوردپىرىس قسىتۇرما بازىرى ئىچىدىن 51la دەپ ئىزدەپ ، چىققان قىستۇرمىنى قاچىلاپ ھازىرقى يىڭى قۇرغان سىتاستىكا ئۇچۇرىنىڭ iD نۇمىرىنى سىلىپ قويسىڭىزلا تاماملىندۇ .

图片[8]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

توربەت خاسلقى ئىچىدە ئۆزلەشتۈرۈش

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇللاردا بىز توربىكتىمىزگە سىتاستىكا ئۇچۇرىنى قانداق قاچىلاشنى ئۈگەندۇق ، ئەمدى بۇنى توربىكتىمىزگە ئاشكارە ھالەتتە قويۇشنى سۆزلەيمىز .

شەخسەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام ، كۈندە توربەتنى زىيارەت قىلغىنمدا چوقۇم مۇشۇ سىتاستىكا ئۇچۇرىنى بىر قىتىم كۆرىمەن ، قانچلىك ئادەم كىردى ، قانچىلىك زىيارەت بولۇندى بۇئۇچۇرلارنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدلا كۆرەلەيمەن ، مىنىڭچە بۇمۇ بىكەت باشلىقى بولغان كىشنىڭ چوقۇم بولىشقا تىگشلىك بىر قورالىدۇر ...

ئەمدى يەنە توربىكتىمىز ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتقان زىبىل ئۇسلۇبىنى مىسال قىلىپ سۆزلىشىمگە توغرا كەلدى ~~

51La دىن قۇرغان سىتاستىكا ئۇچۇرمىزنىڭ تەڭشەك قىسمىغا كىرىمىز ، بۇيەردە ئۆزىمىزنىڭ سىتاستىكا ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش ۋە خاسلىققا ئىگە بولغان ئۇچۇر ئارقىلىق ئىپادىلەش كودنى ئىشتىشمىزگە توغرا كىلىدۇ .

图片[9]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزگە قايسى شەكىل ۋە قايسى تۈردىكى ئۇچۇرلار لازىم شۇلارنى تاللايمىز .

图片[10]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

بۇيەردە مەن ئۇچۇرنىڭ ئارقا تەگلىك رەڭگىنى ئۆچىرۋەتتىم ، سان ۋە خەتنىڭ رەڭگىنى ئاق رەڭدە قىلدىم ، چۈنكى مەن ئۇسلۇبنىڭ ئاياغ قىسمىغا قويدۇم ، ھەم بۇيەرنىڭ رەڭگى مەيلى كىچە ۋە كۈندىزلىك ھالەت بولسۇن ئوخشاشلا قارا رەڭدە تۇرىدۇ ، شۇڭا ئاق رەڭ بەكرەك ماس كىلىدۇ . سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كەلگەن ھالەتتە تەڭشەپ قويسڭىز بولىدۇ .

ئاندىن بۇلارنىڭ خاسلىقىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاستى تەرەپتىن ھاسىللانغان كودنى كۆچىرىۋالىمىز ۋە ئۇسلۇب تەڭشىكى ئىچىگە قويساق بولىدۇ . مەن ئۇسلۇب تەڭشىكىنىڭ ئاياغ بۆلەكتىكى بىيئەن ئۇچۇرى ئورنىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇردۇم .

图片[11]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

ئاندىن مەن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشتىم ، ئەمما ئۇسلۇبنىڭ خاسلىقى ئوڭغا قارتىلغانلىقى سەۋەبىلىك  بۇيەردىكى سىتاستىكا ئۇچۇرىمۇ ئوڭ تەرەپتىن چىقىۋالدى ، شۇڭا مۇشۇ ئۇچۇرنىڭ ئۆزىنىلا يەنە ئۇسلۇب خاسلىق كودى  自定义CSS样式 ئارقىلىق سولغا قارىتىپ قويدۇم ~~

.la-data-widget__container {
    direction: ltr;
    display: block;
}

 

ئاندىن مۇكەممەل ھالەتتكى توربەت زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكا بۆلىكى توربىتمدە نامايەن بولدى .

图片[12]-توربەتكە زىيارەت ئۇچۇرى سىتاستىكلاش كودنى قوشۇش-Shift Bloger

تامام .

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي1تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ