زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger
زىبىل ئۇسلۇبى
بىلوگىر تەرجىمىسىدكى زىبىل ئۇسلۇبى . كۆركەم ، كۆپ ئىقتىدار مۇجەسسەملەنگەن ، مۇكەممەل ۋوردپىرىس ئۇسلۇبى .
¥128
ئىتىبار باھاسى
¥298
  • ھازىرقى نەشىرى : 5.7
  • يىڭىلانغان ۋاقتى : 2025-1-20
  • ۋوردپىرىس نەشىرى : 6.0-6.7
  • PHP نەشىرى : 7.2-7.4
  • ھوقۇق دائىرىسى : بىر تورنامغا ھوقۇق بىرىلىدۇ ، ئالماشتۇرۇش ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ، مەڭگۈلۈك كۈچكە ئىگە .

خەيرىلىك كەچ تورداشلار …

بۈگۈن بىلوگىر تەرجىمىسىدىكى زىبىل ئۇسلۇبى بازارغا سىلىندى ! ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئۇسلۇب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :

مەزكۇر ئۇسلۇب ۋوردپىرىس بىلوگ سېستىمىسى ئاساسىدا يۈرگىزىلىدۇ ، ئەسلى زىبىل 5.7 نەشىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى ، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم ، ئىقتىدارى تولۇق ، سىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى توربەت قۇرۇش ئېھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقىپ كىتەلەيدۇ  .

ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى نەپىس لاھىيلەنگەن ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرىشتمۇ كومپيۇتىر ۋە يانفۇن نۇسقىلىرى تەڭ ئوڭ تەرەپكە قارىتىلىپ تەڭشەلدى ، ئىقتىدارلىرمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاسلىقىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇلدى .

ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىمىز دىن كۆرەلەيسىز .

ئۇسلۇب ئارقىلىق قانداق توربەت ياسىغىلى بولىدۇ ؟

مەزكۇر ئۇسلۇب ئارقىلىق شەخسىي بىلوگ ، ماتىرىيال بىكىتى ، كىچىك تىپتكى مۇنبەر ، دەرىسخانا ، ئەسەر توربىكتى ، كىنوخانا توربىكتى ، ۋە خەۋەر ئۇچۇر قاتارلىق توربىكەتلەرنى قۇرۇپ چىقالايسىز ، ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى بىلەن يۇقارقى تىپتىكى توربەتلەرنىڭ ھەممسنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايسىز ، گەپ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تىرشچانلىقىغا باغلىق ، نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئىقتدارلار سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .

ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە :

ئومۇمىي ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە : “ئۈچىنجى تەرەپ كېلشىمدە تېز ئۇسۇلدا توربىكەتكە كىرىش ، ئالاھىدە رەتكە تىزىلىش ئۈنۈمى ، ئالاھىدە ئەزالىق تۈزىمى ، ھەقلىق مەزمۇن ، ھەقلىق دىتال ، ھەقلىق رەسىم ، ھەقلىق فىلىم ، كۆپ قىسىملىق فىلىم ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ، پاراڭلىشش ، ئالدى بەت يۈزىدە مەزمۇن يوللاش ۋە تەھرىرلەش ، تەشۋىقات پائالىيتى ، ئالاھىدە كۆپ بولغان پۇل ئىلىش ئىغىزى ، ئالاھىدە توربەت قىستۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىچە بولغان قىلىپ تەڭشەكلىرى قاتارلىقلار … “

ئۈچىنجى تەرەپ كېلشىمدە تېز ئۇسۇلدا كىرىش  “مەزكۇر نەشىردە ئۈندىدار سالونى (服务号) ئارقىلىق تېز ئۇسۇلدا كىرىش قوشۇلدى ” ، كومپيۇتىر يۈزىدە زىيارەت قىلغۇچىلار بىزنىڭ سالوننى قوشۇۋالغاندىن كىيىن ، ئۇدۇللا توربىتمىزگە كىرەلەيدۇ ، ئىسىم ۋە باش سۈرەت ماس قەدەمدە يىڭىلىنىدۇ .

ئۇسلۇب ئۈندىدار دىتالى ئىچىدە نورمال ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيدغان بولدى … (بۇرۇنقى نەشىرلىردە پەقەت ئىكلىك كودلا ھاسىللايتى ، بۇ نەشىرىدە ھەممسى ئوڭشالدى.) يانفۇن تور كۆرگۈچىدە ئاچقاندا ئۈندىدارغا ئاتلاپ پۇل تۆلەيدۇ .

سول تەرەپتە لەيلىمە كونۇپكا ئىقتدارى قوشۇلدى ، ئۆزىڭىزنىڭ خاس ئۇلانمىلىرنى قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .

مەزمۇن ئىچىدە كۆپ رەسىملەرنى كۆرگەندە ئالاھىدە رەسىم كۆرۈش ئۈنىمى قوشۇلدى .

مەزمۇن بەتلىرىنىڭ ئىچلىش سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى .

ئىشلىتىش ھەققىدە :

 

ئەگەر ۋوردپىرىس سىزگە ناتونۇش بولسا ، بىكتىمىزدىكى يازمىلارنى بىرباشتىن ئوقۇپ ۋوردپىرىسكە ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى ئۈگەنسڭىز بولىدۇ ، بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرى دەل ۋوردپىرىس بىلوگ قۇرۇش دەرسلىكلىرى ۋە تېخنىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

ئۇسلۇبنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ئوڭاي ، بىر قاراپلا ئۈگىنۋالالايسىز ، ئەگەر ئىقتدار جەھەتتە ئىشلتىشتىن قىينالسىڭىز ئۇدۇل  زىبىل ئۇسلۇبى ئورگان تورىدىن كۆرۈپ چۈشىنۋالسڭىز بولىدۇ ياكى ئاپتوردىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ .

بايانات :

سېتىۋالغاندا مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى ۋە سېتىۋىلىش كېلشىمنامىسنى ياخشى ئوقۇپ سېتىۋىلىڭ ، مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ بارىلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىغا تەۋە .

ئاپتور سۆزى :

مەزكۇر ئۇسلۇب ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىرى ھىساپلانمىسمۇ لىكىن ئەڭ مۇقىم ھالەتتكى بىلوگ خاسلىقىدىكى نۇسقىسى ھىساپلىندۇ  ، بۇ قىتىمقى تەرجىمە قىلىش ، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىشلمەيدغان ئىقتدارلار ، باشقا قىستۇرمىلار بىلەن بولغان ماسلاشماسلىقى ، خاسلىققا ئۇدۇل كەلمىگەن فۇنكىسيە كودلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنى ئۆزۈم يالغۇز ھەل قىلىپ چىقتىم ، ئاز ۋاقىتمۇ كەتمىدى ، خىلى كۆپ ئەجىرىم سىڭىدى ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ ئىقتىدارلارنى قوشۇپ يىڭىلاشنى ئويلاشتىم .

 ئەگەر ياقتۇرمىسڭىز ئىشلەتمىسڭىز تامامەن بولىدۇ ، لىكىن مىنىڭ قىلغان ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلشڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ❤ .