خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
بۈگۈن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ئاساسىدا بىر مەسىلىنى بايقىدىم …
(ئۆزۈم ھەل قىلىپ بوغان ، سىلەگە دەپ بىرشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ~~)
ۋوردپىىس يىڭىلانغاندىن كىيىن توربىكەت يۈزىدىكى كىچىك قوراللار بۆلىكدىكى تەڭشەكلەر قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ، ھەمدە قايتا تەڭشەشتىمۇ نۇرغۇنلىغان خاتالىق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنگەن ، بۈگۈن بىز بۇ ھەقىتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى سۆزلەيمىز .
![图片[1]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/08/ddd279b62f0e67cba93b0b7f7e35c9e8.jpeg~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان ، بۇ قېتىمقى نەشىر يىڭىلاشتا ئاساسلىق ئۈچ چوڭ يادىرولۇق ئۆزگىرىش بار ، بۇنىڭ ئىچىدكى بىرسى بولسا ۋوردپىرىس كۆرۈنمە يۈز تەڭشىكى كىچىك قوراللار بۆلىكىگە بۇ قىتىم ئاچقۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن .
![图片[2]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/08/a19ad159c448a557d58626eef01515c3.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
قارايدغان بولساق بۇ قېتىمقى يىڭىلاشتا بۇرۇنقى كىچىك قوراللار بۆلىكى كۆرۈنمە يۈزى خۇددى كۆرۈنمە تەھرىرلىگۈچ يۈزىگە ئوخشاپ قالغان ، ھەم ئىشلىتش ئۇسۇلىمۇ ئالدىدكسگە ئوخشاش ئەمەس ، گەرچە بەزى قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ لىكىن كونا نەشىرىنى ئىشلىتپ كۆنۈپ قالغان بىزلەرگە ئانچە ياخشى بولغاندەك تۇيغۇ بىرەلمىدى .
بولۇپمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى ئىيتسام زىبىل ئۇسلۇبنىڭ كىچىك قوراللار بۆلىكىدىكى بەزى تەڭشەكلەر بۇزلۇپ كىتىدكەن ، شۇڭا بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندكى ئىككى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تىپىپ كەلدىم ~~
قسىتۇرما قاچىلاش ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرۇش
ۋوردپىرىس ئورگان تەرەپمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئويلاشقان ، ھەمدە ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرى بىلەن تەڭ بىللە ئەسلىگە قايتۇرىدغان قىستۇرمىنمۇ بىللە ئېلان قىلغان ، ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن — ( Classic Widgets ) كىلاسسىك كىچىك قورال قىستۇرمىسى دەپ ئىزدەيمىز ، ھەمدە قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ ، ئەسلىدىكى كىچىك قورال بۆلىكى ئورنىغا قايتىدۇ ، داۋاملىق ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش ئىلىپ بارالايمىز .
![图片[3]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/08/3ac8dad3afdb5176622319eae1be2c51.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
كود ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرۇش
ئەگەر سىزنىڭ قىستۇرما قاچىلىغىڭىز بولمىسا ، ۋە ياكى قىستۇرما ئاپتورى قاتارلىقلارنى ياقتۇرمىسڭىز ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب كودىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇش ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ .
add_filter( 'gutenberg_use_widgets_block_editor', '__return_false' );
add_filter( 'use_widgets_block_editor', '__return_false' );
يۇقارقى ئىككى قۇر كودنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇب كودى ئىچىدىكى functions.php ھۆجىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا يىزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .
تەۋسىيە :
شەخسەن ئۆزۈم قىستۇرما ئارقىلىق كىچىك قورال بۆلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدىم ، شۇڭا قىستۇرما قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، كود ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرشتە زىبىل ئۇسلۇبىنىڭ كىچىك قورال بۆلكىگە يەنىلا چۈشمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، شۇڭا زىبىل ئۇسلۇبى ئىشلەتكۈچىلىرىگە قىستۇرما قاچىلاشنى تەۋسيە قىلىمەن ، ئەگەر باشقا ئۇسلۇب ئىشلەتكەن بولسىڭىز يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلنىڭ قايسىنى تاللاپ قىلسڭىز تامامەن بولىدۇ .
ئاپتور : بىلوگىر
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ
تىزىملاش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش