ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر

خەيرىلىك كەچ تورداشلار   ...

بۈگۈن تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ئاساسىدا بىر مەسىلىنى بايقىدىم ...

(ئۆزۈم ھەل قىلىپ بوغان ، سىلەگە دەپ بىرشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ~~)

ۋوردپىىس يىڭىلانغاندىن كىيىن توربىكەت يۈزىدىكى كىچىك قوراللار بۆلىكدىكى تەڭشەكلەر قالايمىقانلىشىپ كەتكەن ، ھەمدە قايتا تەڭشەشتىمۇ نۇرغۇنلىغان خاتالىق ئۇچۇرلىرى كۆرۈنگەن ، بۈگۈن بىز بۇ ھەقىتىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى سۆزلەيمىز .

图片[1]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Shift Bloger

ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىنغان ، بۇ قېتىمقى نەشىر يىڭىلاشتا ئاساسلىق ئۈچ چوڭ يادىرولۇق ئۆزگىرىش بار ، بۇنىڭ ئىچىدكى بىرسى بولسا ۋوردپىرىس كۆرۈنمە يۈز تەڭشىكى كىچىك قوراللار بۆلىكىگە بۇ قىتىم ئاچقۇچىلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن .

图片[2]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Shift Bloger

قارايدغان بولساق بۇ قېتىمقى يىڭىلاشتا بۇرۇنقى كىچىك قوراللار بۆلىكى كۆرۈنمە يۈزى خۇددى كۆرۈنمە تەھرىرلىگۈچ يۈزىگە ئوخشاپ قالغان ، ھەم ئىشلىتش ئۇسۇلىمۇ ئالدىدكسگە ئوخشاش ئەمەس ، گەرچە بەزى قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن بولسىمۇ لىكىن كونا نەشىرىنى ئىشلىتپ كۆنۈپ قالغان بىزلەرگە ئانچە ياخشى بولغاندەك تۇيغۇ بىرەلمىدى .

بولۇپمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى ئىيتسام زىبىل ئۇسلۇبنىڭ كىچىك قوراللار بۆلىكىدىكى بەزى تەڭشەكلەر بۇزلۇپ كىتىدكەن ، شۇڭا بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندكى ئىككى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تىپىپ كەلدىم ~~

قسىتۇرما قاچىلاش ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرۇش

ۋوردپىرىس ئورگان تەرەپمۇ يۇقارقى مەسىلىنى ئويلاشقان ، ھەمدە ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرى بىلەن تەڭ بىللە ئەسلىگە قايتۇرىدغان قىستۇرمىنمۇ بىللە ئېلان قىلغان ، ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن -- ( Classic Widgets ) كىلاسسىك كىچىك قورال قىستۇرمىسى دەپ ئىزدەيمىز ، ھەمدە قوزغىتىپ قويساقلا بولىدۇ ، ئەسلىدىكى كىچىك قورال بۆلىكى ئورنىغا قايتىدۇ ، داۋاملىق ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەش ئىلىپ بارالايمىز .

图片[3]-ۋوردپىرىس 5.8 نەشىرىدىكى كىچىك مەسىلىلەر-Shift Bloger

كود ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرۇش

ئەگەر سىزنىڭ قىستۇرما قاچىلىغىڭىز بولمىسا ، ۋە ياكى قىستۇرما ئاپتورى قاتارلىقلارنى ياقتۇرمىسڭىز ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇب كودىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇش ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ .

add_filter( 'gutenberg_use_widgets_block_editor', '__return_false' ); 
add_filter( 'use_widgets_block_editor', '__return_false' );

يۇقارقى ئىككى قۇر كودنى ئۆزىڭىزنىڭ ئۇسلۇب كودى ئىچىدىكى  functions.php  ھۆجىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا يىزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .

تەۋسىيە : 

    شەخسەن ئۆزۈم قىستۇرما ئارقىلىق كىچىك قورال بۆلىكىنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدىم ، شۇڭا قىستۇرما قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، كود ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرشتە زىبىل ئۇسلۇبىنىڭ كىچىك قورال بۆلكىگە يەنىلا چۈشمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم ، شۇڭا  زىبىل ئۇسلۇبى ئىشلەتكۈچىلىرىگە قىستۇرما قاچىلاشنى تەۋسيە قىلىمەن ، ئەگەر باشقا ئۇسلۇب ئىشلەتكەن بولسىڭىز يۇقارقى ئىككى ئۇسۇلنىڭ قايسىنى تاللاپ قىلسڭىز تامامەن بولىدۇ .

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي2تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ