ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن ! تىنىڭلار سالامەت ، ئىشلىرىڭلا ئۇتۇقلۇق ، ئائىلەڭلار بەخىتلىك بولسۇن ❤

خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك روزا ھېيتنى ۋاقتىدا قۇتلۇقلىيالمىدىم ، لىكىن ھىلمۇ ھەم كىچىكمەيمەن دەپ قارايمەن ، كەمىنە بىلوگىردىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .

يىقىندا تورداشلار ۋوردپىرىس توربىكتىنىڭ تورنامىنى ئۆزگەرمەكچى بولۇپ ماڭا ئۇچۇر قىلدى ، مەن ھازىر بۇ ھەقتە تۇرۇپ تەپسىلىي دەرىسلىك سۆزلىمەكچىمەن ، ئىھتىياجى بار دوسلارغا ياردىمى تىگىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

图片[1]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

بەزىدە بىز مۇلازىمىترمىزنىڭ ۋاقتى توشۇپ كىتىش سەۋەبلىك ۋە ياكى تورنام ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر ئوبدان كىتىپ بارغان توربەتنى توختىتىپ تۇرۇپ يىڭى مۇھىتقا يۆتكىشىمىزگە توغرا كىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ خۇددى ئېجارە ئۆيدە ئولتۇرغاندەكلا ئىش .

بۇ جەرياندا بەزىلىرمىز پەقەت تورنامنىلا ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق ، يەنە بەزىلىرىمىز مۇلازمىتىرنىمۇ ھەم تورنامنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز ، شۇڭا دەرسلىكنى ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلىمەكچىمەن .

مۇلازمىتىر ئالماشتۇرۇش (ئۆي كۆچۈش)

كىتەرلىك ماتىرياللار : باۋتا + تورنام باشقۇرۇش سۇپىسى

ھازىر باۋتا مۇلازىمىتىر باشقۇرۇش دىتالىنىڭ ئىقتدارلىرىمۇ بارغانسىرى قىقاس بولۇپ كەتتى ، سىز باۋتا دىتالى ئىچىدىن - دىتاللار مەركىزى - باۋتا قىستۇرمىسى - باۋتا بىر كونۇپكىدا توربەت يۆتكەش قىستۇرمىسىنى (宝塔一键迁移API版本) ئىشلەتسەك سىزنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئاۋارچىلىقڭىزنى يوقىتىدۇ .

قىستۇرما ئاپتۇماتىك ھالدا سىز ئۇلىغان يەنە بىر باۋتا ئىچىگە ھازىرقى توربىكتىڭىزنىڭ بارىلىق ئەسلى كود ئۇچۇرلىرىنى ۋە ساندان ئۇچۇرلىرىنى ماس قەدەمدە يۆتكەپ بىرىدۇ ، ناھايىتى ئەپلىك ، بۇيرۇقنى بىرىپ قويۇپ بىر ئۇخلاپ قوپسىڭىز توربەت يۆتكىلىپمۇ بولىدۇ .

图片[2]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

مەزكۇر باۋتا قىستۇرمىسنى تەپسىلىي ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى باۋتا ئورگان تورىدىن ئىزدەپ تاپالايسىز ، قىستۇرما ئىچىدمۇ دەرسلىكىنىڭ ئۇلانما كونۇپكىسى چىقىپ تۇرىدۇ ، بەك تەسمۇ ئەمەس .

يەنە بىر ئۇسۇل : سىز توربىكتىڭىز قاچىلانغان باش مۇندەرىجە ھۆججىتىنى پىرىسلاپ ئاندىن يەرلىككە چۈشىرىسىز ، ئاندىن قايتا يىڭى قاچلىماقچى بولغان باۋتا ئىچىگە پىرىسلانغان ھۆججەتنى چىقىرىپ يەشسىڭىزلا بولىدۇ .

سانداننىمۇ ئوخشاش زاپاسلاپ يەرلىككە چۈشىرىپ بوپ ، يىڭى باۋتادىكى قۇرۇق ساندانغا باستۇرۋەتسەكلا بولىدۇ .

ئۇنتۇپ قالماڭ : ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئاخىردا سىز تورنامىڭىز باشقۇرۇش سۇپىسغا چىقىپ ، تورنامىڭىز قارىتىلغان مۇلازمىتىر IP ئادىرسنى يىڭى مۇلازىمىتىرنىڭكىگە ئالماشتۇرسىز .

图片[3]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

تورنام ئالماشتۇرۇش

ۋوردپىرىس ئەسلى كودى ھۆجىتى + ساندانى

ۋوردپىرىسنىڭ تورنامىنى ئالماشتۇرغاندا پەقەت تەڭشەك ئىچىدىنلا ئالماشتۇرۇپ قالساق توربەت تەۋە تورناملا ئۆزگىردۇ لىكىن ساندان ئىچىدكى نۇرغۇن ئۇچۇرلار بىرلكتە ئۆزگەرمەيدۇ ، شۇڭا ئەڭ ئاۋال ساندان ئۇچۇرلىرى ئىچىدىن باشلاپ ئۆزگەرتىشمىز كىرەك .

ئەسكەرتىش : ساندان ئۇچۇرى ھەممدىن مۇھىم ، شۇڭا سانداننى توغرا تاللاپ ئىچىپ ئاندىن مەشغۇلات قىلىڭ ! ھەر ئىھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن سانداننى يەرلكتە بىر قىتىم زاپاسلاپ چۈشىرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن مەشغۇلات قىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

تۇنجى قەدەمدە ساندان ئۇچۇرلىرىنى بىر كۇنۇپكىدا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقىنى بىرىمىز ، بۇنىڭدا بىزنىڭ توربىكتىمىزنىڭ تورنامى ، يازمىلارنىڭ تورنامى ۋە يازما ئىچىدكى رەسىم ۋە ئۇلانمىلارنىڭ مەڭگۈلۈك تورنامى بىراقلا ئۆزگىرىدۇ .

ساندانغا كىرگەندىن كىيىن بىز SQL  بۇيرۇق ئورنىنى ئاچىمىز ھەمدە تۆۋەندىكى بۇيرۇق كودىنى كىرگۈزۈپ ئىجىرا قىلىمىز .

图片[4]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

/*توربىكتىمىزنىڭ تورنامى ئادىرسنى ئۆزگەتتىش*/ 
UPDATE wp_options SET option_value = REPLACE(option_value, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com')
WHERE option_name = 'home' OR option_name = 'siteurl';
 
/*يازمىلار ئىچىدكى رەسىم ۋە ئۇلانمىلارنىڭ باش ئادىرىسى*/
 UPDATE wp_posts SET post_content = REPLACE(post_content, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com'); 
  
/*يازمىلارنىڭ سۈكۈتتىكى مەڭگۈلۈك ئادىرىسى*/ 
UPDATE wp_posts SET guid = REPLACE(guid, 'http://www.كونا.com', 'http://www.يىڭى.com');

بۇيرۇق كودلىرى توغرا ئىجىرا بولسا پۈتۈن بىكەتتىكى بارىلىق كونا تورنام ئادىرىسى يىڭى تورنام ئادىرىسقا ئۆزگىرىدۇ .

ئەگەر بۇيرۇق كودىدىمۇ خاتالىق يوق ھالەتتە ساندان بۇ بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلالمىغاندا ئۆزىمىز ئاستا بىر بىرلەپ ئۆزگەرتىمىز ~~

ئەمدە بۇ يۈزنەچچە پارچە يازمنى قاچان ئۆزگەتىپ بولامە دەپ قالماڭ ~~

ئەلۋەتتە بۇنىمۇ بىردەمدە ھەل قىلىمىز ~~

ئاۋال ساندان ئۇچۇرى ئىچىدىن wp-options بۆلىكىنى ئىزدەپ تاپىمىز ، بۇيەردە بىزنىڭ توربىكتىمىزنىڭ تورنام ئۇچۇرلىرى بار ، مۇشۇ يەردىكى ئىككى ئادىرىسنى يىڭى تورنامغا ئالماشتۇرۋەتسەكلا يىڭى تورنامى ئارقىلىق توربىكتىمىز ئارقا سۇپىسىغا كىرەلەيمىز .

图片[5]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

يىڭى تورنام ئارقىلىق توربەت ئارقا سۇپىسىغا كىرىمىز ، ئاندىن ۋوردپىرىس قىستۇرما بازىرى ئىچىدىن Velvet Blues Update URLsدىگەن قىستۇرمىنى ئىزدەپ تاپىمىز ھەمدە قاچىلاپ قوزغىتىمىز .

图片[6]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger 图片[7]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

قىستۇرما تىلى ئېنگىلىسچە ، لىكىن بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسىمۇ بولىدۇ ، بارىلىق تاللاشلارنى تاللاپ بۇيرۇقنى ماڭدۇرۋەتسەكلا بولىدۇ ، قىستۇرما ئاپتۇماتىك ھالدا ساندان ئىچىدكى بارىلىق كونا تورنام ئۇچۇرلىرىنى بىراقلا يڭى تورنامغا ئۆزگەرتىدۇ .

图片[8]-ۋوردپىرىس بىلوگى (ئۆي كۆچۈش) تورنام ئالماشتۇرۇش-Shift Bloger

شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى دەرىس تاماملاندى !

ئاپتور : بىلوگىر

ياقتۇرغان دوستلارنىڭ تارقىتىپ قوللاپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،

ئەگەر يازمىنىڭ سىزگە ياردىمى تەگكەن بولسا تارتۇقلاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ ❤

 

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش1تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى جەمىي3تال

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ

    • ꧁ھەسرەت꧂的头像-Shift Bloger
      新疆 移动数据上网公共出口
      0
    • ꧁ھەسرەت꧂的头像-Shift Bloger
      新疆 移动数据上网公共出口
      0