دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى

خەيرىلىك كەچ تورداشلار ...

يىقىندا دۆلەت بايرىمى كىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۇرغۇپ باش سۈرەتلىرىمىزگە دۆلەت بايرىقىنى تاقاپ چىرايلىق ھالەتكە ئەكىلىۋالدۇق ، بۇمۇ بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزنى سۆيشىمىزنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىشى ھىساپلىنىدۇ .

图片[1]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

ھەر يىلى دۆلەت بايرىمى يىقىنلىشش مەزگىلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باش سۈرەتگە دۆلەت بايرىقى قاداش ، ۋەتەننى سۈيۈش تۈسىنى ئالغان رەسىملەر بىلەن باش سۈرەتنى بىزەش دىتاللىرى پۈتۈن تورنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ يىلىمۇ يىڭى ئەپچاق كودى تارقىتىلدى !

مەن ئەپچاقنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ قويدۇم ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر باش سۈرەت ياساش ئەپچىسى قىلغىلى بولىدۇ ، ئېلاندىن كىرىم قىلىش ئىقتىدارىمۇ بار ، ھىچقانداق ئارتۇقچە تەلەپلىرى يوق ، مۇلازىمىتىر ، تورنامى قاتارلىقلار كەتمەيدۇ ، ئۇدۇل چۈشىرىپ شۇ پىتلا يوللاپ ئىشلىتەلەيسىز .

图片[2]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

ئەپچاق ئىككىنجى قتىملىق ئىچىشتىن كىيىنكى نورمال ھالەتكە كەلگەن ، ئەسلى ئەپچاقنىڭ ئىقتدارىنى ئاشۇرۇپ ، يۈكلىنىدغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈلگەن .

ئەپچاق ئالاھىدىلىكى :

1. بۇ يىللىق ئالاھىدە سۈزۈكلەشتۈرۈلگەن دۆلەت بايرىقى ئۈنۈم ھالىتى ۋە 72 يىللىق خاتىرە ئۈنۈمى ؛

2. كۆرۈنمە يۈزىدكى خاسلىقلار تەڭشەلدى ، بەزى تىپتىكى يانفۇنلاردا نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسلىسى ھەل بولدى؛

3. كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ گەۋدىلىك ھالەتتە ئىپادىلەندى ؛

4. تىڭشۈن يىڭىدىن ئۆزگەرتكەن ئۈندىداردا ئەپچاققا كىرىش ھوقۇق ئىغىزى تەڭشەلدى ، بۇرۇنقى كونا كىرىش ئىغىزى ئىلىپ تاشلاندى ؛

5 . باشبەت تېخىمۇ كۆركەملىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈستىدكى ئورۇنغا ھەركەتچان خەتلەر قوشۇلدى ؛

6 . ئەسلىدكى ئېلان ئىقتدارى ئورنى تەڭشەلدى ، ئەگەر ئەپچىقىڭىزنىڭ ئېلان ئىقتدارى ئوچۇق بولسا ئۆزىڭىزنىڭ ئىلان كودىنى سىلپلا ئىشلتەلەيسىز .

مەزكۇر ئەپچاق پەقەت ئالدى سۇپىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، سىزدىن ھىچقانداق ئارقا سۇپا ۋە تورنام تەلەپ قىلىنمايدۇ ، شۇڭا چۈشىرىپلا ئۇدۇل ئىشلتەلەيسىز .

ئەپچاق ئەسلى كودى چۈشىرىش

ئالدى بىلەن سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ ، ئاندىن ھالقىلىق سۆز "10.1" نى يوللىغاندىن كىيىن ئەپچىمىز ئىچىدىن چۈشىرىۋالالايسىز .

ئىشلىتىش دەرىسلىكى 

1. ئەگەر سىز ئەپچاق ئىلتىماس قىلمىغان بولسڭىز https://mp.weixin.qq.com نى ئىچىپ ئۆزىڭىزنىڭ نامىغا بىر ئەپچاق نۇمىرى ئىلتىماس قىلىسڭىز بولىدۇ ، مەزكۇر ئەپچاق كىشلىك سالاھىيەتتمۇ نورمال ئىشلەيدۇ شۇڭا ، تۈر قوشقاندا (工具-图片处理 类目) قورال-رەسىم بىر تەرەپ قىلىش تۈرىنى تاللاپ قويساق بولىدۇ .

图片[3]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

图片[4]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

图片[5]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

2. ئاندىن ئۈندىدار ئاچقۇچىلار قورالىدا چۈشىرۋالغان كودنى ئىچىگە ئەكىرىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەپچىقىنىڭ ئەپ ئايدىسىنى (Appid) نى ئۆزگەرتىمز .

3. كود نورمال ئىلىپ كىرلگەندىن كىيىن ئىكران يۈزىدە پەيدا بولىدۇ ، ئەگەر ئەپچىقىڭىزنىڭ ئېلان ئىقتدارى ئوچۇق بولمىسا ئۇدۇل ئوڭ تەرەپ ئۈستىدكى يوللاش (上传) كونۇپكىسنى بىسىپ ئەپچاقنى تەستىققا يوللىۋەتسڭىز بولىدۇ .

ئەپچىقڭىزنىڭ ئېلانى ئوچۇق بولسا كود ئىچىدكى ئىزاھاتلانغا ئورۇنلارنى ئۆچىرۈپلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەپچاق ئېلان كودنى يىزىپ قويسڭىز كۇپايە .

图片[6]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

سىرىق رەڭلىك ئورۇننى ئۆچىرىمىز ، كۆك رەڭلىك ئورۇنغا ئۆزىمىنىڭ كودنى يازىمىز .

ئىزاھات ئۇچۇرىنى ئۆچىرىپلا ئۆزىڭىزنىڭ ئېلان كودى نۇمىرىنى مەن يىزىپ قويغان Shif Bloger دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا قويۇپ قويسڭىز بولىدۇ . (قوش چىكىتنىڭ ئوتۇرىغا يازىسىز).

ئىزاھاتلانغان ئېلان كودلىرنىڭ ئورنى :

 pages/editor/editor.wxml  دىكى 67-71 قۇر

 pages/editor/editor.js  دىكى 97 قۇر

 pages/save-done/save-done.wxml  دىكى 12-15 قۇر

تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن Ctrl+S نى بىسىپ ساقلاپ بولغاندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدكى يوللاش (上传) كونۇپكىسنى بىسىپ ئەپچاقنى تەستىققا يوللايمىز .

4. ئەپچاق ئارقا سۇپىسىغا چىقىپ ئەپچاق نورمال يۈزگىزىلىشكە كىتەرلىك تورناملىرنى تولدۇرىمىز ، ئارقا سۇپىدىن

后台>开发管理>开发设置>服务器域名管理  دىگەن ئورۇندىن ئەپچاققا كىتەرلىك request合法域名 , downloadFile合法域名 ئورنىغا تۆۋەندكى تورنامنى تولدۇرۇپ قويىمىز .

كىتەرلىك تورناملار :

https://thirdwx.qlogo.cn

https://umini.shujupie.com

https://wx.qlogo.cn

图片[7]-دۆلەت بايرىقىنى باش سۈرەتكە تاقاش ئەپچاق كودى ھەقسىز تارقىتىلدى-Bloger

ئاندىن ئۈندىدار ئاچقۇچىلار قورالىغا كىرىپ قايتا بىر يىڭىلىۋەتكەندىن كىيىن ئەپچاقنىڭ ئىقتدارنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئەپچاقنىڭ باشقا تەلەپ قىلىدغان نەرسىلىرىمۇ يوق ، مۇشۇ پىتى يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئەپچاقنى تارقىتشقا باشلىسڭىز بولىدۇ .

دۆلەت بايرىملىق بۇ ئالاھىدە مەزگىلدە بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ئەزا يىغىۋالالايسىز .

بايانات : ئىچىۋىتلگەن ھەقسىز ئەپچاق كودلىرى پەقەت دوستلارنىڭ ئىشلتىشى ۋە سىناق قىلىشى ئۈچۈن يوللاندى ، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆكمە قىلىپ سىتىشغا ۋەياكى قانۇنسىز يوللاردا ئىشلىتىشگە يول قويۇلمايدۇ . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ .

ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش 1 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى 6 تال ئىنكاس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ