دۆلەت ئىچىدە Github ئىچىلىشنى تېزلىتىش

بەلكىم مەن Github نى چۈشەندۈرمىسەممۇ ، ھەممىڭلارغا تونۇشلۇققۇ دەيمەن .

GitHub يۇمشاق دېتالنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ۋە نەشر قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇپا . ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيادىكى ئاچقۇچىلار مەركەزلەشكەن ، ئەلۋەتتە سىز بۇيەردىن نۇرغۇنلىغان ئوچۇق كودلۇق پىروگگىراممىلارنى ئىزدەپ تاپالايسىز ، ئۆزىڭىز يىزىپ چىققان پىروگگىراممىنى ئوچۇق كود شەكلىدە پۈتۈن دۇنياغا ھەمبەھىرلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا دۆلەت ئىچىدىكى DNS ۋە بەزى بىر قىسىم ئامىللار سەۋەبلىك بىز نورمال ھالەتتە Github نى زىيارەت قىلالمايمىز . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن توردا ئۆزۈم ئىزدەپ تىپىپ ئۈنىمىنى كۆرگەن ياخشى دىتالنى سىلەرگە ھەمبەھىرلەشنى لايىق كۆردۈم ، چۈشىرگەندىن كىيىن قاچىلاپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ .

دىتال ھەققىدە

ئەسلى ئىسمى : ++ Steam  ، ھازىرقى ئىسمى : Watt Toolkit

دىتال ئورگان تورى :  Watt Toolkit

图片[1]-دۆلەت ئىچىدە Github ئىچىلىشنى تېزلىتىش-Bloger

دىتالنى ئەسىلى ئىشلىتىش رولى بولسا Steam تور مۇلازىمىتىنى دۆلىتىمىز ئىچىدە تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن ، كىيىن تەدىرىجىي ھالدا باشقا دۆلىتمىز ئىچىدكى تور ئۇلىنىشى ياخشى بولمىغان سۇپىلارنىمۇ قوشقان ، ھازىرمۇ دىتالنىڭ يىڭىلاش ۋە ئاسراش خىزمەتلىرى ناھايىتى ياخشى بولىۋاتىدۇ ، تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا ماس كىلىدۇ .

ئەگەر دىتال قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن نورمال خىزمەت قىلمىسا ، دىتال ئورگان تورى ئىچىدىن قاچىلاش دەرىسلىكلىرى بار شۇنى كۆرۈپ ھەل قىلساڭلار بولىدۇ .

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش 1 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى 2 تال ئىنكاس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ