بىلوگىر سالون تەھرىرلىگۈچى

بۈگۈن سىلەرگە ئۆزۈم يىڭىدىن ياساپ چىققان تەھرىرلىگۈچنى ھەمبەھىرلىمەكچىمەن .

كۈندىلىك سالون يىزىقچىلىقىدا سىزگە ئەسقىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ~~

ئۈندىدار سالون دىگەن ئاتالغۇ چىققىنغىمۇ 10 يىلدىن ئاشتى ، ئورگان تەرەپ ھازىرغىچە سالون تەھرىرلىگۈچىگە خەت يۆنىلىشى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى قوشمىدى ، مەن يولۇققان مەسىللەرنى ئورگان مۇنبىرىگە يوللىغانمۇ بولدۇم ، لىكىن ئورگان تەرەپ ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۇرمىدى .

مەن نۇرغۇنلىغان يازغۇچى ، سالونچى دوستلارنىڭ يازمىسنى كۆرۈپ باقتىم ، بەزىلەر مەزمۇننى ئاۋال Word قا يىزىپ ئاندىن كۆچۈرۈپ كىلىدۇ ، بەزىلەر مەزمۇننى چىرايلىق كۆركەم قىلىمەن دەپ رەسىم لاھىيلەش دىتالىدا خەت شەكلى ۋە ئورۇنلىرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئۇدۇل رەسىم ھالىتىدىلا چىقىرىدۇ ، يەنە بەزىلەر ئوڭدىن يىزىش قائىدىسىگە پەرۋاسىز قاراپ ئۇدۇللا يوللاۋىرىدۇ .

بىلوگىر سالون تەھرىرلىگۈچى

ئۈندىدار سالون تەھرىرلىگۈچى ئۇيغۇرتىلى يىزىقى تەھرىرلىگەندە كۆپلىگەن ئاۋارچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىققانلىقتىن بۇ تەھرىرلىگۈچنى ياساپ چىقتىم .

بۇ تۈر Vite رامكىسى ۋە ئىچىۋىتلگەن تەھرىرلىگۈچ TipTap ئاساسىدا بارلىققا كەلدى .

يازمىڭىزنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرالايسىز ، كۈندۈز ۋە كەچلىك ئۇسلۇبىنى قوللايدۇ ، كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچ قوراللىرى تولۇق ، رەڭلىك كود بۆلىكى ۋە ئۆزگىچە نەقىل ئۇسلۇبى قوللىنىلغان ، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرتىلى يىزىقىنى ئوڭدىن سولغا قارىتىلغان ھالەتتە باشقۇرۇپ يازالايسىز ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىمۇ قوشۇلدى ئەركىن بىمالال ھالەتتە يىزىقچىلىق قىلالايسىز .

ئىشلىتىش ئادېرىسى : https://editor.shiftt.cn

图片[1]-بىلوگىر سالون تەھرىرلىگۈچى-Bloger

بەت يۈزى كۆركەم ، ئازادە قىلىپ لاھىيلەندى . سىزنىڭ كۆپ قىسىم تەھرىرلەشكە بولغان ئىھتىياجىڭىزدىن چىقىدۇ .

سىز پەقەت بەت يۈزىدە تەھرىرلەش خىزمىتى قىلىپ پۈتكەندە كۆچۈرۈپ سالونغا چاپلىسڭىزلا بولىدۇ ، بارىلىق تەڭشەكلەر سالون خاسلىقىغا ماسلاشتۇرۇپ لاھىيلەنگەن ، سالونغا ئىلىپ چىققاندىن كىيىن ماسلاشماي قالىدىغان ياكى شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدغان ئەھۋاللار بولمايدۇ .  ناھايىتى قولايلىق ~

ئەسكەرتىش :

تەھرىرلىگەندە خەت نۇسقىسى تونۇتقاندىن كىيىنمۇ سالونغا ئىلىپ چىقسىڭىز پەقەت Microsoft Uyghur خەت شەكلى ھالەتتە قالىدۇ ، چۈنكى سالون ئۇيغۇرچە خەت نۇسقىسىنى قوللىمايدۇ ، ئەلۋەتتە بۇمۇ ھىچقانداق خەت نۇسقىسى يوقتىن ياخشىراق ، يوللىغاندىن كيىنمۇ ئالما تىلفۇن ۋە كومپىيۇتىر مۇھىتىدا خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ ، ئاندىروئىت يانغۇنىدا سالون بىتىدىكى مەزمۇن پەقەت سىزنىڭ تىلفۇنىڭىزنىڭ سىستېما خەت نۇسقىسى ھالىتىدە كۆرۈنىدۇ .  بۇ مەسىلىگە ئامال يوق !

مەن سالوندىكى ئۇيغۇرچە خەت يىزىش مەسىلىلىرگە قارىتا خىلى كۆپ ئىزدىنىپ باقتىم ، ئەلۋەتتە كۆلەملەشكەن كۆپ ئادەملەر ئىشلىتىدىغان 135 تەھرىرلىگۈچى قاتارلىقلاردا نۇرغۇنلىغان تەييار قىلىپلار بار ، ھەم مەزمۇن بىتىنى خىلى كۆركەم قىلىپ لاھىيلەپ چىققىلى بولىدۇ ، ئەمما ئۇلارمۇ ئوڭدىن سولغا قارىتىلغان خەت يۆنىلىشى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنى قوشمىغان ، شۇڭا مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدا بۇ تۈر بارلىققا كەلدى .

ئەسلى كودى ئىچىۋىتىلدى

بۇ تۈر ھىساپتا مەن ئۆز خاسلىقىمغا ئاساسەن ئىككىنجى قىتىملىق ئۆزگەرتىش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى . كۆپ قىسىم ئىقتىدارلارنىڭ يىڭىلىنىشى ، سالون خاسلىقىغا ئۇيغۇن بولىشى ، يىڭى ئىقتىدار ۋە يىڭى بۆلەكلەر ، ئۇيغۇرچە ھالەتكە مايىل كىلىدغان خاسلىق تەڭشىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ئورۇنلارنى Ai ئارقلىق پۈتتۈرۈپ چىقتىم .

سىزمۇ چۈشىرۋىلىپ ئۆزىڭىزگە خاس ھالەتتە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ۋە ياكى مەن يوللىغان ئامبارغا يىڭىلاپ يۈكلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، تۈر يارىغان بولسا يۇلتۇرلىرڭىزنى ئايىمىغايسىز .

Github : https://github.com/Shift-Bloger/Bloger-MP-Editor.git
Gitee : https://gitee.com/Shift-Bloger/Bloger-MP-Editor.git

ئەگەر سىزنىڭ تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارىغا قارىتا تەكلىپ پىكىرىڭىز بولسا ئىنكاس رايونىغا قالدۇرۇڭ .

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇق باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0 ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى ئىنكاس قالدۇرۇڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يوللاڭ

    ھازىرچە ئىنكاس يوق