خەيرىلىك كەچ تورداشلار …
بۈگۈن بىلوگىر تەرجىمىسىدىكى زىبىل ئۇسلۇبى بازارغا سىلىندى ! ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئۇسلۇب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :
مەزكۇر ئۇسلۇب ۋوردپىرىس بىلوگ سېستىمىسى ئاساسىدا يۈرگىزىلىدۇ ، ئەسلى زىبىل 5.7 نەشىرىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى ، كۆرۈنمە يۈزى كۆركەم ، ئىقتىدارى تولۇق ، سىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى توربەت قۇرۇش ئېھتىياجىڭىزدىن تامامەن چىقىپ كىتەلەيدۇ .
ئۇسلۇب كۆرۈنمە يۈزى ناھايىتى نەپىس لاھىيلەنگەن ، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرىشتمۇ كومپيۇتىر ۋە يانفۇن نۇسقىلىرى تەڭ ئوڭ تەرەپكە قارىتىلىپ تەڭشەلدى ، ئىقتىدارلىرمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خاسلىقىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇلدى .
ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىمىز دىن كۆرەلەيسىز .
ئۇسلۇب ئارقىلىق قانداق توربەت ياسىغىلى بولىدۇ ؟
مەزكۇر ئۇسلۇب ئارقىلىق شەخسىي بىلوگ ، ماتىرىيال بىكىتى ، كىچىك تىپتكى مۇنبەر ، دەرىسخانا ، ئەسەر توربىكتى ، كىنوخانا توربىكتى ، ۋە خەۋەر ئۇچۇر قاتارلىق توربىكەتلەرنى قۇرۇپ چىقالايسىز ، ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارى بىلەن يۇقارقى تىپتىكى توربەتلەرنىڭ ھەممسنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايسىز ، گەپ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ تىرشچانلىقىغا باغلىق ، نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە ئىقتدارلار سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ .
ئۇسلۇبنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە :
ئومۇمىي ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە : “ئۈچىنجى تەرەپ كېلشىمدە تېز ئۇسۇلدا توربىكەتكە كىرىش ، ئالاھىدە رەتكە تىزىلىش ئۈنۈمى ، ئالاھىدە ئەزالىق تۈزىمى ، ھەقلىق مەزمۇن ، ھەقلىق دىتال ، ھەقلىق رەسىم ، ھەقلىق فىلىم ، كۆپ قىسىملىق فىلىم ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش ، پاراڭلىشش ، ئالدى بەت يۈزىدە مەزمۇن يوللاش ۋە تەھرىرلەش ، تەشۋىقات پائالىيتى ، ئالاھىدە كۆپ بولغان پۇل ئىلىش ئىغىزى ، ئالاھىدە توربەت قىستۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئۆزگىچە بولغان قىلىپ تەڭشەكلىرى قاتارلىقلار … “
ئۈچىنجى تەرەپ كېلشىمدە تېز ئۇسۇلدا كىرىش “مەزكۇر نەشىردە ئۈندىدار سالونى (服务号) ئارقىلىق تېز ئۇسۇلدا كىرىش قوشۇلدى ” ، كومپيۇتىر يۈزىدە زىيارەت قىلغۇچىلار بىزنىڭ سالوننى قوشۇۋالغاندىن كىيىن ، ئۇدۇللا توربىتمىزگە كىرەلەيدۇ ، ئىسىم ۋە باش سۈرەت ماس قەدەمدە يىڭىلىنىدۇ .
ئۇسلۇب ئۈندىدار دىتالى ئىچىدە نورمال ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيدغان بولدى … (بۇرۇنقى نەشىرلىردە پەقەت ئىكلىك كودلا ھاسىللايتى ، بۇ نەشىرىدە ھەممسى ئوڭشالدى.) يانفۇن تور كۆرگۈچىدە ئاچقاندا ئۈندىدارغا ئاتلاپ پۇل تۆلەيدۇ .
سول تەرەپتە لەيلىمە كونۇپكا ئىقتدارى قوشۇلدى ، ئۆزىڭىزنىڭ خاس ئۇلانمىلىرنى قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .
مەزمۇن ئىچىدە كۆپ رەسىملەرنى كۆرگەندە ئالاھىدە رەسىم كۆرۈش ئۈنىمى قوشۇلدى .
مەزمۇن بەتلىرىنىڭ ئىچلىش سۈرئىتى ئاشۇرۇلدى .
ئىشلىتىش ھەققىدە :
ئەگەر ۋوردپىرىس سىزگە ناتونۇش بولسا ، بىكتىمىزدىكى يازمىلارنى بىرباشتىن ئوقۇپ ۋوردپىرىسكە ئائىت ئاساسىي بىلىملەرنى ئۈگەنسڭىز بولىدۇ ، بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرى دەل ۋوردپىرىس بىلوگ قۇرۇش دەرسلىكلىرى ۋە تېخنىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ .
ئۇسلۇبنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ئوڭاي ، بىر قاراپلا ئۈگىنۋالالايسىز ، ئەگەر ئىقتدار جەھەتتە ئىشلتىشتىن قىينالسىڭىز ئۇدۇل زىبىل ئۇسلۇبى ئورگان تورىدىن كۆرۈپ چۈشىنۋالسڭىز بولىدۇ ياكى ئاپتوردىن ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ .
بايانات :
سېتىۋالغاندا مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى ۋە سېتىۋىلىش كېلشىمنامىسنى ياخشى ئوقۇپ سېتىۋىلىڭ ، مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ بارىلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى بىلوگىر تېخنىكا مۇنبىرىغا تەۋە .
ئاپتور سۆزى :
مەزكۇر ئۇسلۇب ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىرى ھىساپلانمىسمۇ لىكىن ئەڭ مۇقىم ھالەتتكى بىلوگ خاسلىقىدىكى نۇسقىسى ھىساپلىندۇ ، بۇ قىتىمقى تەرجىمە قىلىش ، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىشلمەيدغان ئىقتدارلار ، باشقا قىستۇرمىلار بىلەن بولغان ماسلاشماسلىقى ، خاسلىققا ئۇدۇل كەلمىگەن فۇنكىسيە كودلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنى ئۆزۈم يالغۇز ھەل قىلىپ چىقتىم ، ئاز ۋاقىتمۇ كەتمىدى ، خىلى كۆپ ئەجىرىم سىڭىدى ، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ ئىقتىدارلارنى قوشۇپ يىڭىلاشنى ئويلاشتىم .
ئەگەر ياقتۇرمىسڭىز ئىشلەتمىسڭىز تامامەن بولىدۇ ، لىكىن مىنىڭ قىلغان ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلشڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن ❤ .


![图片[1]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-18.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[2]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-19.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[3]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-20.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[4]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-21.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[5]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-22.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[6]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-23.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[7]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-24.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[8]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-25.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[9]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-26.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[10]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-27.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[11]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-28.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[12]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-29.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)
![图片[13]-زىبىل ئۇسلۇبى-Bloger](https://cdn.shiftt.cn/wp-content/uploads/2021/10/粘贴-30.png~tplv-y4pk4fkp0d-image.webp)

