تېخنىكا مۇنبىرىمىزغا كەلگەن ئەزىزانە تورداشلا مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىك بولسۇن ...
بۈگۈن بىز بىزگە بىر قەدەر ناتۇنۇش بولغان فىلىم ئىشلەش دىتالى EDIUS بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى ، ھەممەيلەنگە ئايان فىلىم ئىشلەش دىتالى دىسەك كۆپچىلىكنىڭ ئىسىگە دەرھال Adobe شىركىتىنىڭ PR ياكى AE دىگەندەك ۋە ياكى ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ final cut pro دىگەندەك دىتاللار كىلىدۇ .
تۆۋەندە EDIUS دىتالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن ، ئۇنداقتا دىققىتىڭلار تىما داۋامىدا بولسۇن ….
كىلىپ چىقىش تارىخى : EDIUS دىتالى تۇنجى بولۇپ ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ فىرانسىيە تومسون تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كىيىن ساۋگۇ (ئامرىكا) نىڭ بايرىقى ئاستىغا قوشۇۋېتىلگەن ، ھازىر EDIUS دىتالىنىڭ ئېچىش ئېلان قىلىش ھوقۇقى ئامرىكىغا تەۋە ، لېكىن ئېچىش ئېلان قىلىش خىزمەتلىرىنى يەنىلا ياپۇنلۇقلار قىلىدىكەن …
ئىقتىدار ۋە چۈشەنچە : EDIUS دىتالى بولسا بىر خىل سىزىقسىز قۇلايلىق ئىقتىدارى كۈچلۈك فىلىم ئىشلەش تەھرىرلەش دېتالى ، كونا نەشرىگە قارىغاندا بۇ قېتىم تېخنىكا مۇنبىرى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنغان مەزكۇر 7.4 نەشرىدە SD,HG,3D,4K قاتارلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى تەھرىرلەشنى قوللاپلا قالماستىن ، يەنە Blackmagic Design بىلەن ھەمكارلىشىپ DeckLink 4K Extreme ۋە Thunderbolt كومپىيوتىرغا ئىشلىتىلىدىغان ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان UltraStudio 4K سىن ئېلىش ئۈسكىنىسىنى قوللاشقا باشلىدى ، ئەستە ساقلاش بوشلۇقى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئەلالاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى ، بۇ قېتىم سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىمىز بولسا EDIUS 7.4 مۇكەممەل يېشىۋېتىلگەن نەشرى بولۇپ مۇنبىرىمىز ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندى ، ئېھتىياجلىق دوسلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ ...
ئېجرا مۇھىتى : win 7 ياكى win 10 بۇلۇپ كومپىيوتىرىڭىزدا مۇشۇ ئىككى مەشغۇلات سىستىمىسىدىن قايسى بولسا بولاۋېرىدۇ .
دىتال تىلى : سۈكۈتتىكى ھالىتىدە خەنزۇچە بولۇپ ئىھتىياجىڭىزغا قارىتا تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
مەزكۇر دىتال بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاندى سىغىمى 577 مىگابايىت …
ئاپتور : ئىزدەل
مەنبە : ئىزدەل تېخنىكا بىلوگى
ئەگەر مۇنبىرىمىز يازمىلىرىنى ياقتۇرۇپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ئاپتور بىلەن ئالاقىلىشىپ سالونىڭىزنى ئاق تىزىملىككە كىرگۈزىۋىلىڭ
ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ
تىزىملىتىش
تىز ئۇسۇلدا كىرىش