ۋوردپىرىس بىلوگى يانغۇن ئەپ دىتالى

 

ئىزاھات : ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ قويدىغنىم شۇكى بۇ دىتال بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدكى دىتاللارغا ئوخشمايدۇ ، بۇ بىر خەلىقارالىق ئەپ دىتال ، بىز ئاساسەن دىيەرلىك دۆلىتىمىز ئىچىدكى ئەپ دىتاللارنى ئىشلتىمىز ، ھەممىزنىڭ تىلغۇنىدا ئاساسەن دۆلىتمىز چوڭ كارخانلىرى ئۆزى ئىجاد قىلپ چىققان ئاندىروئىت مۇھىتلىرى ھازىرلانغان ، شۇڭا دۆلەت ئىچىدە ياسالغان دىتاللار ناھايىتى ئاسان ئىجرا بولىدۇ .

(گەرچە ئاندروئىت ئاساسىم 0 بولسمۇ ، ئاز تولا ئۇنىڭ بۇنىڭغا قاراپ بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ قويدۇم ، چاندۇرمىغايسلە ~~ )

مەزكۇر دىتالنى ۋوردپىرىس ئورگان تەرەپ تارقاتقان ، ئاساسىي قۇرۇلمىسى Google play 框架 ئارقىلىق ماڭىدىكەن ، شۇڭا ئاۋال تىلغۇنىڭلنىڭ ئەپ بازىردىن مۇشۇنداق نەرسە بامۇ ئىزدەپ كۆرۈڭلا ، بوپ قالسا قاچىلۋەتسەكلا بولىدۇ .

ئاندىن دىتالنىڭ 12.0 نەشىرىنى بىشىدا قاچىلىشمىز كىرەك ، بۇ نەشىرنى 2019-يىلى تارقتىپتكەن ، يۇقىرى نەشىرگە قارىغاندا سەل يىنكرەك ئەمدى

قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن سىزگە يەنىلا Google play يوق دەپ ئەسكەرتىدۇ ، بىز ئۇنىڭ گىپىگە ھە دەپ قوياپ ئەڭ ئاستىدكى تورنام ئارقىلىق كىرىشنى بىسىپلا بىلوگىمىزنىڭ ئارقا سۇپىسغا كىرۋاساق شۇ ياخشى .

12.0 نەشىرى

15.7نەشىرى

ۋوردپىرىس ئورگان تەرەپ تارقاتقان يانغۇن ئەپ دىتالى …

بىلوگىڭىزنى ھەرۋاقىت ، ھەرجايدا تىلڧۇنىڭىز ئارقىلىقلا باشقۇرۇپ تۇرالايسىز .

يازما مەزمۇن ، بەت ، مىدىيا ، ئىنكاس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقۇرغىلى بولىدۇ .

12.0 نەشىرىنى قاچىلاپ بولۇپ بىلوگڭىز ئارقا سۇپسغا بىر قتىم ئوڭۇشلۇق كىرەلگەندىن كىيىن ئاندىن 15.7 نەشىرىنى ئۈستىگە قاچىلاپ ئىشلەتسڭىز تىلغۇنىڭىز نورمال تونىيدۇ . (مىنىڭ نورمال تونىدى )

ئالدىدا ئىنىق ئەسكەرتمەي ، تورداشلارنىڭ تىلغۇنىغا قاچىليالماسلىقىغا سەۋەپچى بوپ قاپتىمەن ، بۇيەردە سەمىمىي ئۆزرە ئىيتىمەن ~

ئاپتور : بىلوگىر

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش0تارتۇقلاش
ھەمبەھىرلەش
تەۋسىيە مەزمۇنلار
  • تەۋسىيە مەزمۇن يوقكەن