H5 توربىكەت يۈزىدىن بىۋاستە ئەپچاققا ئاتلاش

مەزمۇننى سۆزلەشتىن ئاۋال H5 توربىكەت يۈزىدىن ئۈندىدار ئەپچىسىگە ئاتلاش دىگەن زادى قانداق ئۇقۇم بۇنى چۈشەندۈرۈپ قوياي:

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەتكۈچى بىر ئۇلانمىنى، QQ ياكى تور كۆرگۈچتە(يانفۇننىڭ باشقا تور تور كۆرگۈچلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) زىيارەت قىلغىلى بولسىلا، ئۈندىدار ئەپچىسنى بىۋاسىتە قوزغىتىشقا بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا ئەپچاق ئىككىلىك كودىنى ساقلاپ ئاندىن سىكانىرلايدىغان  مۇرەككەپ جەريانلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىشكە بولىدۇ.

URL scheme 

 ماس كىلىدىغان ئەپچاقلار قايسى؟
دەلىللەنگەن شىركەت ياكى يەككە تىجارەتچى نامىدىكى ۋە دەلىللەنمىگەن شەخسى نامدىكى بارلىق ئەپچاقلارغا ماس كىلىدۇ.
 URL scheme نى ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچىلىرى:
كومپىيۇتىرىمىزنىڭ تور كۆرگۈچىدە https://mp.weixin.qq.com نى ئاچقاندىن كىيىن ئەپچاق ئارقا بىتىنى ئاچىمىز،ئاندىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى 工具 دىن 生成url scheme نى تاللاپ بىسىپ كىرىمىز.

ئاندىن كۆچكە ئىگە مۇددىتىنى  永久有效 يەنى مەڭگۈ كۈچكە ئىگە دىگەننى تاللايمىز.

ئاندىن 小程序页面路径 غا ئۆزىمىزنىڭ ئەپچىسىنىڭ باش بەت ئۇلانمىسىنى يىزىپ بىرىمىز(مەسىلەن :pages/index/index) .

ئاستىدىكى 启动query参数 دىگەننى بولسا قۇرۇق قويۇپ قويساق بولىدۇ،ئاندىن 生成 نى باسساق \\:weinxin دىن باشلانغان ئۇلانمىنى چىقىرىپ بىرىدۇ.

بۇنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق بولىدۇ:بۇ  \\:weinxin دىن باشلانغان ئۇلانما ئۈندىدار ئىچىدە ئىشلەيدۇ،بىراق چ چ دا ئىشلىمەيدۇ، توربىكەت يۈزىدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن location.href دىن پايدىلىنىپ javascript ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرساق بولىدۇ.

<script> location.href = "weixin://dl/business/?t=8OXO5GkLaOq" //替换自己的url scheme </script>

ئەمدى مۇلازىمىتىرغا كىرىپ توربىكەتنىڭ head قىسمىغا ئۈستىدە بىرىلگەن js نى ئىسىۋەتسىڭىز ئىش تامام دىسەم قىلاممايدىغانلامۇ با ئەمىسە رەسىمگە قاراڭ،مانى توربىكەتنىڭ ئىجرا ھۆججىتى index.htmlدەپ ئويلاپ قارسىڭىز body ئاخىرلاشقان يىرىگە قوشۇپ قويۇپتۇ.سىز ئاۋال بىر html بەت قۇرۇپ مۇشۇنى سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.ياكى توربىتڭىزگە بىۋاستە ئىسىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


ئاندىن بەتنى ئىجرا قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئاپتور: ئىزھار

ئەسلى مەنبە : ئىزھار تېخنىكا بىلوگى

© نەشىر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ
ياقتۇرۇش2
ھەمبەھىرلەش
مۇنازىرە رايونى سىز ئاۋال ئىنكاس يىزىڭ

ئاۋال كىرىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ